خۇايەن قوڭغۇرىقى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
قوڭغۇراقلار پادىشاھلىقىدا دۇنيادىكى قەدىمىي قوڭغۇراقلار شاھى دەپ ئاتىلىدىغىنى بېيجىڭ قوڭغۇراق ئىبادەتخانىسىدىكى خۇايەن قوڭغۇرىقىدۇر. ئەنگلىيىنىڭ «بۈيۈك برىتانىيە ئېنسكلوپېدىيىسى» ئۇنى دۇنيادىكى قەدىمىي قوڭغۇراقلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزغان بولۇپ، تارىختا پەقەت روسىيە1733 - يىلى قۇيۇپ چىققان كرويسكىرخې قوڭغۇرىقىلا ئېغىرلىق جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن كرويسكىرخې قوڭغۇرىقى قۇيۇلۇپ چىققاندىن كېيىن دەز كېتىپ، «گاچا قوڭغۇراق» بولۇپ قالغان.
خۇايەن قوڭغۇرىقى يۇڭلې قوڭغۇرىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې يىللىرى (1403 −1424 ) قۇيۇپ چىقىرىلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىڭ چېڭزۇ (جۇدى) ئۆزىنىڭ ئاپەتنى يوقىتىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، تەڭرىنىڭ ئۇنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشىغا مەدەت بەرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ قوڭغۇراقنى قۇيدۇرۇپ چىققان.
قوڭغۇراقنىڭ ئېگىزلىكى94 .6 مېتىر، ئەڭ چوڭ دىئامېتىرى3 .3 مېتىر، قېلىنلىقى22 سانتىمېتىر، ساپ ئېغىرلىقى5 .46 توننا، قوڭغۇراق ئىبادەتخانىسىدىكى قوڭغۇراق راۋىقىغا ئېسىپ قويۇلغان. قوڭغۇراق ئېسىلغان لىم ئىچىگە قىيسايغان سەككىز تۈۋرۈك ۋە ئۈچ قات تۈز لىمدىن تۈزۈلگەن، قوڭغۇراق مىستىن قىلىنغان بىر تال سۈرۈش بولتىسى بىلەن تۈز لىمغا بېكىتىلگەن. قوڭغۇراق ئېسىلغان تۈۋرۈكلەر ئىنتايىن توم، ئاران قۇچاق يېتىدۇ، ئۇنىڭغا بەش خىل رەڭلىك ئالتۇن ئەجدىھا سىزىلغان بولۇپ، قوڭغۇراقنىڭ شاھانە تۈسىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
قوڭغۇراقنىڭ شەكلى، ئېغىرلىقىلا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ قالماي، يەنە ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن يەرلىرى بار. قوڭغۇراققا بۇددا نوملىرى، ئەپسۇنلار قۇيۇپ چىقىرىلغان، جەمئىي خەت سانى230 مىڭدىن ئاشىدۇ، خەتلىرى ئېنىق، تۈز، خاتا ياكى چۈشۈپ قالغان بىرمۇ خەت يوق. قۇيما خەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، خەت ئارىلىقلىرى ئوخشاش بولۇپ، بىرەرمۇ بوش ئورۇن قالدۇرۇلمىغان، بۇنىڭدىن ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ھېسابلاش جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قوڭغۇراققا ئىشلىتىلگەن مىسنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، بەش ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا مۇكەممەل تۇرغان. قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق بولۇپ، نەچچە ئون چاقىرىمغا بارىدۇ، شۇنداقلا ئۈچ مىنۇتقىچە سوزۇلىدۇ. قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقى ئاھاڭ بويىچە بېكىتىلگەن، ھازىرقى ئۆلچەملىك ئاۋاز يۇقىرىلىقىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى ئادەتتە ئاسانلىقچە ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، ئىلگىرى ئىبادەتخانىدا دىنىي پائالىيەت ياكى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەندە ئاندىن چېلىناتتى، ھازىر پەقەت يېڭى يىل ياكى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى كېچىسىلا ئاندىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ.