تۇلپارنىڭ مىس ھەيكىلى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچقا دەسسەپ تۇرغان تۇلپارنىڭ مىس ھەيكىلى جۇڭگونىڭ سەنئەت گۆھىرى.
ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچقا دەسسەپ تۇرغان تۇلپارنىڭ مىس ھەيكىلى1969 - يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي ناھىيىسىدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىگە تەۋە بىر قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان، ئۇ − قەبرىدىكى يۈزگە يېقىن مىس ئات - ھارۋا مۇراسىم قونچاقلىرى ئىچىدىكى بىرى. گەرچە بۇ تۇلپارنىڭ ئېگىزلىكى ئاران5 .34 سانتىمېتىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىس يېشىل رەڭگىدىكى تېنى ئىنتايىن زەبەردەس كۆرۈنىدۇ. تۇلپارنىڭ تۆت پۇتى پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك بېشىنى كۆتۈرۈۋالغان، قۇيرۇقى شامالدا ئۇچۇپ تۇرغان بولۇپ، تۇلپارنىڭ چاپقۇر ھالىتى چىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاتنىڭ بېشى سول تەرەپكە سەل قىيسايغان، ئېغىز - بۇرنى ئازراق ئېچىلغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئۇنىڭ ئېغىر تىنىشلىرىنى ۋە دالىنى تىترىتىدىغان كىشنەشلىرىنى ئاڭلىغاندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، تۇلپارنىڭ ئوڭ تۇيىقىنىڭ ئاستىدا قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان بىر قارلىغاچ بار. بۇ، تۇلپارنى ياسىغۇچى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچقا دەسسەپ تۇرغان تۇلپارنىڭ مىس ھەيكىلى قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇلپارغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. چۈنكى ئات ئەينى زاماندا ھەم چاققان، چىداملىق ئۇلاغ، ھەم جەڭ قىلىشتىكى مۇھىم قورال ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جۇمۇۋاڭنىڭ سەككىز تۇلپىرى بولغان، ئۇلارنى جۆتۇ، فەنيۈ دەپ ئاتىغان، مەنىسى تۇلپار چاپقاندا تۇيىقىغا توپا يۇقمايدۇ ياكى ئۇچار قاناتتىن ئېشىپ كېتىدۇ دېگەنلىك بولىدىكەن. بۇ مىس تۇلپار تۇيىقىغا توپا يۇقمايدىغان چاپقۇر ئاتنىڭ ھەيۋەتلىك سىماسىنى تولۇق نامايان قىلغان.