UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىساپال قونچاقلار

ساپال قونچاقلار

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جۇڭگودا قەدىمكى زاماندا تىرىك ئادەملەرنى ھەمدەپنە قىلىدىغان ئادەت بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئەمما بەزى بەگ - غوجاملار يەنىلا بۇ ئىشنى ئۇنتۇيالماي، ئۇ دۇنيادىمۇ دەۋران سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشقان، شۇڭا لايدىن ياكى ياغاچتىن ئادەم ياساپ، تىرىك كۆمۈلىدىغانلارنىڭ ئورنىدا بىللە دەپنە قىلغان لاي ياكى ياغاچتىن ياسالغان بۇ يالغان ئادەملەر قونچاق دەپ ئاتالغان.1951 - يىلى چېڭدۇنىڭ تيەنخۇيشەن تېغىدىكى يار قەبرىسىدىن دۇمباق چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالەتتىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر ساپال قونچاق قېزىپ چىقىرىلغان. بۇ ساپال قونچاق بىر مەدداھ سەنئەتكارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاغزىنى ئېچىپ، سەل ئالدىغا ئېگىلگەن ھالدا، سول قولىدا بىر دۇمباقنى قولتۇقلاپ، ئوڭ قولىدا بىر دۇمباق چوكىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلانغان. تۇرقىدىن گويا مەدداھلىق ۋايىگە يەتكەندەك، خۇشاللىقىدىن ئىختىيارسىز سەكرەپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل تېتىكلىك ئىپادىلەنگەن. ساپال قونچاقنى ياساشتا ئادەم بەدىنىنىڭ نىسبەت ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېتىلمىگەن، ئۇ يوغان باشلىق، پاكار بويلۇق، قىسقا بىلەكلىك، قىسقا پۇتلۇق، يوغان قورساقلىق ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەنئەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى