UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىخۇما ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى

خۇما ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جۇڭگونىڭ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىدە ھەرقايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇشلار بولۇپ تۇراتتى. ھەرقايسى بەگلىكلەر ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى مۇستەھكەملەش، ھاكىمبەگلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەمىشە قەسەم بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەزىر ئەزەملەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىچكى قىسىمنى مۇستەھكەملەپ، دۈشمەنگە زەربە بېرەتتى. ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامى دېگىنىمىز — قەدىمكى زاماندا تەڭرىقۇت بىلەن بەگلەر، بەگلەر بىلەن بەگلەر، بەگلەر بىلەن دافۇلار ئارا، تەڭرىگە قەسەم بەرگەندە بامبۇك ياكى ياغاچ تاختىلارغا پۈتۈلگەن يېزىقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەسەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى خاتىرىلىنىدۇ. ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى ئادەتتە ئىككى نۇسخا بولۇپ، بىر نۇسخىسى ئوردىدا ساقلىنىدۇ، يەنە بىر نۇسخىسى يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ ياكى دەريا ئىچىگە چۆكتۈرۈپ قويۇلىدۇ، بۇ ئارقىلىق جىن - ئالۋاستى ۋە ئىلاھلارنىڭ گۇۋاھ بولىدىغانلىقى، يېنىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.1965 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇما دېگەن يېرىدىن بىر قەسەمنامە خارابىلىكىنى بايقاپ، بىر نۇسخا ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىنى قېزىپ، ئۇنى شۇ يەرنىڭ نامىدا «خۇما ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى» دەپ ئاتىدى. خۇما ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى قاشتېشى ياپراقچىلىرىدىن ياسالغان بولۇپ، جەمئىي5000 پارچىدەك قېزىۋېلىنغان، ھەربىر پارچە قاشتېشى ياپراقچىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار نەپىس تاراشلىنىپ، خەتلەر موي قەلەم بىلەن يېزىلغان، پوچېركىسى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە مىس قورال پۈتۈكلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۆپ قىسمى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك، ئاز بىر قىسمى قارا رەڭلىك بولۇپ، خېلى ئوچۇق ساقلانغان. قاشتېشى ياپراقچىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، خەت سانىمۇ بەزىلىرىنىڭ كۆپ، بەزىلىرىنىڭ ئاز، كۆپلىرىدە200 دەك، ئازلىرىدا ئاران10 دەك خەت بار ئىكەن. خۇما ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە جىن بەگلىكى جاۋياڭ بىلەن تۆرە دافۇلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يازما شەرتنامە بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سادىق بولۇشى، سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن دۈشمەن كۈچلەرگە بىردەك قارشى تۇرۇشى، قايتىدىن قۇل، يەر - زېمىن، مال - مۈلۈك كېڭەيتمەسلىكى، دۈشمەنلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىنىڭ تېپىلىشى − جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈمى ۋە يېزىقىنى تەتقىق قىلىش، جىن بەگلىكىنىڭ تارىخىنى، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ قۇللۇق جەمئىيەتتىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
خۇما ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى | UyghurWiki | UyghurWiki