UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىقەدىمىي مىس كۆرگۈ

قەدىمىي مىس كۆرگۈ

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جۇڭگودا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئەينەكتە كۆرگۈ ياساش بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى كۆرگۈ مىستىن ياسىلاتتى. قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ سۇدىكى سايىسىدىن ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ مىس داسقا سۇ ئېلىپ ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرگەن، بۇ مىس داس »ئەينەك« دېيىلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپكى كۆرگۈمۇ »مىس ئەينەك« دېيىلگەن. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىشىلەر برونزا قوراللارنى پارقىراتقاندىن كېيىنمۇ ئادەمنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن سۈركەپ پارقىرىتىش ئارقىلىق برونزا كۆرگۈ ياسىلىشقا باشلىغان.1976 - يىلى خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى يىن خارابىسىدىكى فۇخاۋ قەبرىسىدىن تۆت دانە يۇمىلاق مىس كۆرگۈ قېزىۋېلىنغان، ئۇنىڭ ئالدى يۈزى سىلىق، پارقىراق، ئارقا تەرىپىدە بېزەك رەسىملەر بار ھەمدە قولدا تۇتۇشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن يۇمىلاق تۇتقۇچ قۇيۇپ چىقىرىلغان. كۆرگۈ چوڭ، ئوتتۇراھال ۋە كىچىك بولۇپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن، بۇنىڭدىن شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس كۆرگۈنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە بولىدۇ. يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىن، مىس كۆرگۈ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان، بېزەك رەسىملىرىنىڭ شەكلىمۇ كۆپەيگەن. غەربىي خەن سۇلالىسىدە كۆرگۈگە خەت قۇيۇپ چىقىرىلىشقا باشلىغان. يوسۇن كۆرگۈ بۇ دەۋردىكى ۋەكىللىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۆرگۈنىڭ ئارقا تەرەپ ئىچكى چەمبىرىكىگە12 مۈچەلنىڭ نامى ئويۇلغان، تاشقى چەمبىرىكىگە ئالەمگە سىمۋول قىلىنغان يوسۇن سىزىقلىرى ئويۇلغان، ئوتتۇرىغا كۆك ئەجدىھا، ئاق يولۋاس، قىزىل باش قۇشقاچ ۋە بازالىت قاتارلىقلارنىڭ رەسىمى قىستۇرۇلغان، رەسىملەر ناھايىتى نەپىس بولۇپ، كۆرگۈ ئايلاندۇرۇلسا، رەسىملەر كىشىگە چۆرگىلەۋاتقاندەك، ئۇچۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەن. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن كىشىلەر مىس كۆرگۈنىڭ بېزەك رەسىملىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھايۋانات رەسىملىرىنى پەيدىنپەي ئادەم رەسىمىگە ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. قاپارتما نەقىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن، مىس كۆرگۈ تېخىمۇ سىپتا ياسىلىدىغان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە مىس كۆرگۈنىڭ شەكلى ئەسلىدىكى يۇمىلاق ۋە چاسا شەكىللەردىن ھالقىپ، سەككىز تەرەپلىك، سەككىز يايلىق، تۆت تەرىپى ئەگرى بۇلۇڭلۇق تاشئالما چېچىكى شەكىللىك، سۇ ياڭىقى گۈلى شەكىللىك قاتارلىق شەكىللەر بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى زاماندا كىشىلەر كۆرگۈنى «سۇ ياڭىقى گۈلى» دەپمۇ ئاتىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۆي جاھازلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆرگۈمۇ ئۆي جاھازلىرى قاتارىغا قويۇلىدىغان بولغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كۆرگۈنىڭ شەكلىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىپ ئارقىسىدىكى رەسىمگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولغان. كۆرگۈ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە »كۆرۈنمە« دەپ ئاتالغان، چۈنكى سۇڭ تەيزۇڭنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى جاۋ جىڭ بولۇپ بوۋىسىنىڭ ئىسمى خەنزۇچە كۆرگۈنى بىلدۈرىدىغان «جىڭ» سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولغاچقا، «جىڭ» دېگەن تاۋۇشتىن چەتنەش ئۈچۈن، كۆرگۈنى بىلدۈرىدىغان «جىڭ» نى «كۆرۈنمە» مەنىسىدىكى «جاۋ» غا ئۆزگەرگەن. كۆپلىگەن مىس كۆرگۈلەر ئىچىدە يەنە بىر خىل ئالاھىدە كۆرگۈ بار، ئۇ نۇر ئۆتكۈزىدىغان كۆرگۈ. نۇر ئۆتكۈزىدىغان كۆرگۈ خەن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ياسالغان بولۇپ، ئالدى يۈزى ئازراق كۆپۈپ چىققان، ئادەم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ئەگەر كۈچلۈك بىر دەستە نۇر ئۇنىڭغا چۈشۈپ تامغا قايتسا، تامغا كۆرگۈنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى گۈلنىڭ سۈرىتى چۈشۈپ، مىس كۆرگۈ ئۆزىدىن خۇددى ئەينەكتەك نۇر ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇرەككەپ ئوپتىكا پرىنسىپى قوللىنىلغان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى پەن - تېخنىكا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇمدۇر
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
قەدىمىي مىس كۆرگۈ | UyghurWiki | UyghurWiki