تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە بىر خىل ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىدۇر. ئۇ ساپال سىرى بېرىلگەن (ئېماللانغان) ساپال بۇيۇم بولۇپ، فارفوردا ياسالغان ئەمەس. ئۈچ رەڭلىك ساپال ئۈچ خىل رەڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئادەتتە ئاق، سېرىق، يېشىل، كۆك قاتارلىق رەڭلىكلىرى بار، كۆك، يېشىل، سېرىقنى ئاساس قىلغان بۇيۇملار ئەڭ قىممەتلىك كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان، شۇڭا تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى قەدىمكى زاماندىكى ئۆلگەن كىشى بىلەن ھەمدەپنە قىلىنىدىغان بۇيۇمدۇر. ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ رەڭلىك ساپال بۇيۇملار ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھايۋانات، قونچاقلاردىن ئىبارەت. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىن ئىلگىرى رەڭلىك تۆگىدە ئولتۇرۇپ ساز چېلىۋاتقان قونچاقتىن ئۈچى قېزىۋېلىنغان، ئۇ تاڭ سۇلالىسى ساپاللىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا تۆگە كۆكرىكىنى كېرىپ كىشنەۋاتقان، لوكىلىرىنىڭ ئارىسىغا بىر پارچە چاسا شەكىللىك رەڭلىك گىلەم سېلىنغان، دۈمبىسىدە قاڭشارلىق، ئورا كۆز، يۈزىنى ساقال - بۇرۇت باسقان تۆت كىشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساز چېلىۋاتقان شەكىلدە بولۇپ، بۇ ئەسەر »يىپەك يولى« نىڭ گۈللەنگەن ئەھۋالىنى خام ماتېرىيال قىلغان ھالدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاشقى ئالاقىنىڭ جانلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. تۆگە بىلەن ئاز سانلىق مىللەت سازەندىلىرى تاڭ سۇلالىسى رەڭلىك ساپاللىرىنى غەربىي شىمالنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىغا ئىگە قىلغان.
نەنجىڭ مۇزېيىدا جەنۇبىي جۇڭگو تۈسىنى ئالغان بىر دانە رەڭلىك ساپال بۇيۇم − ئىككى بوغقۇچلۇق بېلىق چەينەك ساقلانماقتا. ئۇ1975 - يىلى ياڭجۇدىكى تاڭچېڭ خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان. چەينەك گەۋدىسى ئىككى بېلىقتىن تۈزۈلگەن، بېلىقنىڭ دۈمبىسى بىلەن پالاقچىسى بوغقۇچ قىلىپ بېزەلگەن، بېلىقنىڭ قورسىقىدا نەچچە گۇرۇپپا يۇمىلاق چەمبەر بار بولۇپ، قاسىراققا، شۇنداقلا يېنىك سۇ دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. چەينەكتە يېشىل رەڭ ئاساس قىلىنغان بولۇپ، خۇددى دولقۇن ئارا سۇ ئۈزۈۋاتقان بېلىجانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە، نەپىس، كىشىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.