گۇ جيەننىڭ شەمشىرى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
«شاخ - شۇمبا ئۈستىدە يېتىپ، ئۆت يالىماق»، «جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشقا ماھىر» − يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇ جيەن بۇنىڭدىن2000 نەچچە يىللار ئىلگىرى ياشىغان كىشى، ئۇ ئىشلەتكەن بىر شەمشەر بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەمىنىيە دەۋرىدە يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇ جيەن ۋۇ بەگلىكى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كېچىسى شاخ - شۇمبىلار ئۈستىدە يېتىپ، ئاچچىق ئۆتنى يالىغان، يەنى جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، قىساس ئېلىشقا بەل باغلىغان، شۇنىڭدىن تارتىپ يۆ بەگلىكى كۈنسېرى قۇدرەت تېپىپ گۈللەنگەن، ئاخىر ۋۇ بەگلىكى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئەمىنىيە دەۋرىدىكى ھاكىمبەگكە ئايلانغان.1965 - يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جياڭلىن دېگەن يېرىدىكى ۋاڭشەن تېغىدىن تېپىلغان1 - نومۇرلۇق قەبرىدە برونزىدىن ياسالغان بىر شەمشەر بايقالغان. ئۇ دەل بۇنىڭدىن2000 يىللار ئىلگىرى ياشىغان يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇ جيەننىڭ يادىكارلىقى بولۇپ، شەمشەرنىڭ ئۈستىگە يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇ جيەن ئۆزى ئۈچۈن ياسىتىپ ئىشلەتكەن شەمشەر دېگەن جۇەنشۇ شەكلىدىكى خەت ئويۇلغان. جۇەنشۇ ئەمىنىيە دەۋرىدە ۋۇ، يۆ بەگلىكلىرىدە قوللىنىلغان بىر خىل ھۆسنخەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
مىس شەمشەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 .55 سانتىمېتىر كېلىدۇ، شەمشەرنىڭ ساپاق بېشى سىرت تەرەپكە تۈرۈلۈپ چىققان بولۇپ، چەمبەرلەنگەندەك كۆرۈنىدۇ، ئىچىگە11 يۆگەم ناھايىتى ئىنچىكە مەركەزداش چەمبەر قۇيۇلغان؛ شەمشەر دەستىسىنىڭ ئوڭ يۈزىگە كۆك رەڭلىك ئەينەك ئىشلىتىلگەن، كەينى يۈزىگە يېشىل ياقۇتتىن كۆركەم نەقىش ئىشلەنگەن. شەمشەرگە يەنە رومبا شەكلى بىلەن تۇتۇق نەقىش سېلىنغان، قېزىۋېلىنغان چاغدا يەنىلا پارقىراق ھالەتتە بولۇپ، ناھايىتى ئۆتكۈر ئىدى. بۇ بايقاشنىڭ چۇ بەگلىكى دەۋرىنى تەتقىق قىلىش، ئەمىنىيە دەۋرىدىكى برونزىدىن قوراللارنى ياساش، شۇنداقلا قەدىمكى زامان ھەربىي قوراللىرىنى تەتقىق قىلىشقا ياردىمى زور بولىدۇ.