UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىيىپەككە سىزىلغان رەسىم

يىپەككە سىزىلغان رەسىم

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەغەز كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، يىپەك رەخت خەت يېزىش، رەسىم سىزىشتىكى ئەڭ ياخشى ماتېرىيال ئىدى. خۇنەن ئۆلكىسىدىن قېزىۋېلىنغان چۇ بەگلىكى دەۋرىدە يىپەككە يېزىلغان خەت ۋە يىپەككە سىزىلغان رەسىم بىز كۆرگەن ئەڭ قەدىمىي بۇيۇم بولۇپ، ھازىرغىچە3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. خەت يېزىلغان يىپەك رەختنىڭ ئۇزۇنلۇقى47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى7 .38 سانتىمېتىر، ئۇنىڭغا سىياھ قەلەمدە چۇ بەگلىكىنىڭ خېتىدىن900 دەك خەت يېزىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىز قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرىدىكى فۇشى، يەندى، جۇرۇڭ، گۇڭگۇڭ، نۈۋا، يۈ، چى قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان. يېزىقنىڭ مەزمۇنى قەدىمكى زاماندىكى تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر بىلەن باغلىنىشلىق. خەت يېزىلغان يىپەك رەختنىڭ ئەتراپىغا يەنە رەڭلىك رەسىملەر سىزىلغان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ12 ئەۋلىيانىڭ رەسىمى بولۇپ، بۇ ئەۋلىيالارنىڭ قىياپىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى غەلىتە قىياپەتتە تۇرغان، بەزىلىرىنىڭ ئۈچ بېشى بار، يەنە بەزىلىرى قۇش تەنلىك.... ھەربىر ئەۋلىيانىڭ يېنىغا نەچچە قۇر ئىزاھات بېرىلىپ، شۇ ئەۋلىيانىڭ ئىسمى يېزىلغان. بۇ12 ئەۋلىيانىڭ ئىسمى12 ئاينىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىزاھاتتا يەنە12 ئايدا تۇتۇلىدىغان پەرھىز خاتىرىلەنگەن. خەت يېزىلغان يىپەك رەختنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا يەنە گۈل - گىياھلارنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، ئۇ چۇ بەگلىكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئىپتىدائىي يازما ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، خەت يېزىلغان بۇ مەشھۇر يىپەك رەختنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى1942 - يىلى ئوغرىلىنىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى شەخسىي يىغىپ - ساقلىغۇچىنىڭ قولىدا تۇرماقتا. ھازىر بىز كۆرۈۋاتقىنىمىز تەقلىد قىلىنغان بۇيۇمدىن ئىبارەت.1973 - يىلى قېزىۋېلىنغان چۇ بەگلىكى دەۋرىدىكى يىپەككە سىزىلغان رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .37 سانتىمېتىر، كەڭلىكى28 سانتىمېتىر. رەسىمدە بېشىغا ئېگىز قالپاق، ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەكتەك كىيگەن، ئۇزۇن قىلىچ ئاسقان چۇ بەگلىكىدىكى بىر ئەرنىڭ شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئەجدىھا شەكلىدىكى قولۋاق ھەيدەۋاتقان رەسىمى سىزىلغان. قولۋاقنىڭ ئاستىدا ئۈزۈپ ئويناۋاتقان بىر بېلىق، قولۋاقنىڭ ئارقىسىدا بوينىنى سوزۇپ ئەتراپقا نەزەر تاشلاۋاتقان بىر ئاق تۇرنا بار. قولۋاقتا سايىۋەن بار، كۈنلۈكنىڭ چۇچىسى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا رەسىمدىكى كىشىنىڭ ئىلاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەرۋاز قىلىۋاتقان مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كىشىلەر ئادەتتە رەسىمدىكى كىشىنى قەبرە ئىگىسىنىڭ رەسىمى، رەسىم ئۆلگۈچى روھىنىڭ باقىي ئالەمگە كېتىۋاتقانلىقىغا يوشۇرۇن ئوخشىتىلغان، دەپ قارايدۇ. يىپەك رەختكە سىزىلغان بۇ رەسىم جۇڭگو گۈزەل سەنئەت تارىخىدا گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇ ھازىر خۇنەن ئۆلكىلىك مۇزېيدا ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
يىپەككە سىزىلغان رەسىم | UyghurWiki | UyghurWiki