رەڭلىك فارفور
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن «فارفور دۆلىتى» دېگەن نامى بار. فارفور بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن. ئەڭ دەسلەپكى فارفور بۇيۇملار زەڭگەر رەڭدە بولۇپ، كېيىن ئاق رەڭلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل رەڭدىكى فارفور بۇيۇملار بارلىققا كەلگەن. زەڭگەر فارفوردىن رەڭلىك فارفورغا ئۆتۈش فارفور بۇيۇم ياساش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
رەڭلىك فارفور مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ چېڭخۇا يىللىرى «رەڭدار فارفور» ئىجاد قىلىنغان، جياجىڭ، ۋەنلى يىللىرى «بەش خىل رەڭلىك فارفور» ياسالغان. «بەش رەڭ» كۆپ خىل رەڭلىك دېگەن مەنىدە بولۇپ، فارفور بۇيۇمدا بەش خىللا رەڭ بار دېگەنلىك ئەمەس. گۇگۇڭ مۇزېيىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرىغا تەۋە سۇمۇرغ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بەش خىل رەڭلىك تەشمە نەقىشلىك لوڭقا ساقلانغان بولۇپ، ئۇ ئەڭ ئېسىل بەش خىل رەڭلىك فارفور بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ لوڭقىنىڭ ئېگىزلىكى8 .49 سانتىمېتىر، پۈتۈن لوڭقىغا قوڭۇر، قارامتۇل قىزىل رەڭدە ئاساسىي دائىرە سىزىۋېلىنىپ، كۆك، قىزىل، سېرىق، يېشىل، توز كۆكى قاتارلىق رەڭلەردە رەسىم زىننەتلەنگەن. لوڭقىدا سەككىز رەسىم، يەتتە خىل رەڭ بار. لوڭقا ئاغزى ئارقىغا قايرىلغان ھالەتتە بولۇپ، بوينىغا بىر كېپىنەك نەقىشلەنگەن، لوڭقىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا بۇلۇت بار. لوڭقىدا سۇمۇرغنىڭ ستېرېئولۇق رەسىمى بولۇپ، لوڭقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان سۇمۇرغ بار، يەنە بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۇچۇۋاتقان سەككىز سۇمۇرغ ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. سۇمۇرغنىڭ باش، قۇيرۇق، قاناتلىرىغا زەمچە چېكىلگەن بولۇپ، بەش خىل رەڭلىك لوڭقىنى تېخىمۇ جەلپكار، ئېسىل كۆرسىتىدۇ.
تەشمە نەقىشلىك سۇمۇرغ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن لوڭقا تەشمە نەقىش ھۈنىرىنى ئاساس قىلغان فارفور بۇيۇم بولۇپ، ئۇنىڭدا تەشمە نەقىش ماھارىتى ۋايىگە يەتكۈزۈلگەن، ھەتتا سۇمۇرغنىڭ پۇتىغىمۇ سەككىز تۆشۈك ئېچىلغان. بۇنداق مۇرەككەپ تەشمە نەقىشلىك زىننەت بۇيۇمى مىڭ سۇلالىسىدىكى فارفور بۇيۇملاردىمۇ كەم ئۇچرايدۇ، ئۇ دۇنيا فارفور سەنئەت تارىخىدا مىسلىسىزدۇر.
چىڭ سۇلالىسىدە رەڭلىك فارفور بۇيۇم ياساش تېخنىكىسى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دۇنياغا داڭلىق رەڭدار فارفور بۇيۇم ۋە ئېماللانغان فارفور بۇيۇم ياسالدى. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى مۇرەككەپ، مىقدارى ئاز بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغىنى تېخىمۇ ئاز بولغاچقا، ناھايىتى ئەتىۋارلىق.