UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىشىئەندىكى ئابىدىلىك

شىئەندىكى ئابىدىلىك

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شەنشى ئۆلكىسى شىئەندىكى ئابىدىلىك دۆلىتىمىز تاش پۈتۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلانغان جاي بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق. ئابىدىلىك شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاشقا ئويۇلغان «تاش پەشتاق ۋاپادارلىق دەستۇرى»، «كەيچېڭ يىللىرىدىكى تاش پۈتۈك دەستۇر» ۋە باشقا سىرتتا چېچىلىپ يۈرگەن تاش پۈتۈكلەرنى ساقلاش ئۈچۈن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئابىدىلىك دەپ ئاتالغان. ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش، يېڭىدىن ياساش ئارقىلىق بۇ يەردە ھازىر2300 دىن ئارتۇق تاش پۈتۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقىنى1000 دىن ئاشىدۇ. بۇ تاش پۈتۈكلەردە نۇرغۇن ھۆسنخەت سەنئەت ماتېرىياللىرى ساقلاپ قېلىنغان. دۆلىتىمىزدە ھۆسنخەت سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، لېكىن، يىپەك، قەغەزلەرگە يېزىلغان ئەسەرلەر ئاسانلا چىرىپ كېتىدۇ ياكى قۇرت چۈشۈپ قالىدۇ، بۇنداقلارنى ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھۆسنخەت ماتېرىياللىرى پەقەت تاش پۈتۈك شەكلىدىلا ساقلىنىپ قالغان. ئابىدىلىكتە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ قوليازمىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، يازما خەت شەكلى، يېزىش ئۇسلۇبى، ئىلماپ يېزىش ئۇسلۇبى، جۇەنشۇ خەت شەكلى، لىشۇ خەت شەكلى قاتارلىق ھەر خىل خەت شەكىللىرى تولۇق، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەن جېنچىن، ليۇ گۇڭچۈەنلەرنىڭ كەيشۇ شەكلىدە يازغان خەتلىرى، ئوۋياڭ شۈننىڭ شىڭشۇ شەكلىدە يازغان خەتلىرى، جاڭ شۈي، خۇەي سۇنىڭ »كۇاڭساۋ« شەكلىدە يازغان خەتلىرى بار، يەنە مى فېي، سەي جىڭ، سۇ شى، جاۋ مېڭفۇ، دۇڭ چىچاڭ، لىن زېشۈ قاتارلىق داڭلىق ئەربابلارنىڭ قوليازمىلىرىمۇ بار. ئابىدىلىكتە ھۆسنخەت سەنئىتىلا ساقلانغان بولماستىن، يەنە زور مىقداردىكى نەقىشلەر بار، مەسىلەن، تاش پۈتۈك ئۈستىدىكى مۈڭگۈزسىز ئەجدىھا بېشى، تاش پۈتۈك تۈۋىگە ئويۇلغان سىزىقلىق نەقىش قاتارلىقلار. نۇرغۇنلىغان تاش پۈتۈكلەر يەنە قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن، «پالنامە» قاتارلىق12 خىل دەستۇر ئويۇلغان «كەيچېڭ يىللىرىدىكى تاش پۈتۈك دەستۇر» قەدىمكى زامان تارىخى ۋە نوم - دەستۇرلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. «داكچىن نېستورىئان دىنىنىڭ تارقىلىش ئابىدىسى»، «تاڭ راھىبى ئاموگخاراجۋا ئابىدىسى» ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دەرەنى نوم - دەستۇرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - چەت ئەل مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئابىدىلىكنى دۆلىتىمىزنىڭ ھۆسنخەت سەنئەت مۇزېيى دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ چوڭ تىپتىكى تاش كىتاب ئامبىرى
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
شىئەندىكى ئابىدىلىك | UyghurWiki | UyghurWiki