UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىسىدام شايى كۆڭلەك

سىدام شايى كۆڭلەك

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شايى كۆڭلەك ئەستەرسىز يالاڭ كىيىمنى كۆرسىتىدۇ.1972 - يىلى چاڭشا شەھىرىنىڭ ماۋاڭدۈيدىكى1 - نومۇرلۇق قەبرىدىن ئىككى قۇر شايى كۆڭلەك قېزىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قۇرىنىڭ رەڭگى سىدام بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «سىدام شايى كۆڭلەك» دەپ ئاتىغان. كۆڭلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى128 سانتىمېتىر، يېڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى190 سانتىمېتىر، يەڭ - ياقىلىرىغا جىيەك تۇتۇلغان. پۈتۈن كىيىمنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئاران49 گرام بولۇپ، يەڭ - ياقىلىرىدىكى جىيەكنى چىقىرىۋەتكەندە25 گراملا كېلىدۇ. كىيىمنى قاتلىغاندىن كېيىن ئالىقانغا پاتىدۇ، خۇددى قولدا شايى رەخت يوقتەكلا بىلىنىدۇ. كۆڭلەك رەختى ئىنتايىن يېنىك ۋە نېپىز بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى تومۇزغىنىڭ قانىتىغا ئوخشىتىدۇ. كۆڭلەكنىڭ جىيىكى گۈللۈك تىۋىتتىن ئىشلەنگەن بولۇپ، كىشىگە كۈچلۈك ستېرېئولۇق تۇيغۇ بېرىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر بۇنداق توقۇلمىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن، دەپ قارىغانىدى، يەنە بەزىلەر ئۇنى چەت ئەلدىن جۇڭگوغا كىرگەن دەپ قارىغان. بۇ شايى كۆڭلەكنىڭ بايقىلىشى كىشىلەرنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىۋىت توقۇلمىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شايى كۆڭلەك خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاياللار ياقتۇرۇپ كىيىدىغان كىيىم بولۇپ، ئاياللار ئۇنى كىمخاب كىيىمنىڭ سىرتىغا كىيەتتى، شايى كۆڭلەك توسۇپ تۇرغاچقا، كىمخاب كىيىمنىڭ قېنىق گۈلى بىلەن رەڭگى ئانچە گەۋدىلەنمەستىن، ئۇنىڭ ئېسىللىقىنى نامايان قىلاتتى، ئۇ خەن سۇلالىسى كىشىلىرىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. سىدام شايى كۆڭلەكنىڭ قېزىۋېلىنىشى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان كىيىم - كېچەك تارىخى، توقۇمىچىلىق تارىخى ۋە ئېستېتىك ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
سىدام شايى كۆڭلەك | UyghurWiki | UyghurWiki