جۇڭگو - روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى چارروسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونى بىلەن تۇتىشاتتى،1858 - يىلى5 - ئايدا2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چارروسىيىنىڭ شەرقىي سىبىرىيە گوبېرناتورى مۇرايېﻒ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەربىي پاراخوت بىلەن ئەيخۇي (ھازىرقى خېيلۇڭجياڭدىكى ئەيخۇي ناھىيىسى) غا كېلىپ جۇڭگوغا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز - كۆز قىلىپ، جۇڭگو - روسىيە چېگرىسىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا ئۆكتەملىك بىلەن خېيلۇڭجياڭنىڭ شىمالىدىكى زېمىن روسىيىگە تەۋە بولۇشى كېرەك، ئەگەر بۇ تەلەپكە ماقۇل بولمىساڭلار، روسىيە ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدۇ، دېدى. چارروسىيىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، خېيلۇڭجياڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى يى شەن5 - ئاينىڭ28 - كۈنى مۇراۋيېﻒ بىلەن «جۇڭگو - روسىيە ئەيخۇي شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى.
شەرتنامىدە: خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالى، تاشقى ھىنگاننىڭ جەنۇبىدىكى600 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىش، پەقەت دەريانىڭ شەرقىدىكى64 مەھەللىنىلا جۇڭگولۇقلارنىڭ «مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىشىغا» قالدۇرۇش، روسىيىلىكلەر بۇ جايغا «تاجاۋۇز قىلماسلىق»؛ ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايوننى جۇڭگو - روسىيە ئىككى دۆلەت «ئورتاق باشقۇرۇش»؛ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بىلەن ئۇسسۇرى دەرياسىدا جۇڭگو - روسىيە ئىككى دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭلا قاتنىشىغا رۇخسەت قىلىش، باشقا دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ قاتنىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، دەپ بەلگىلەندى. بۇ شەرتنامە جۇڭگونى نۇرغۇن زېمىنىدىن مەھرۇم قىلدى. ئېنگېلس: بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، روسىيە «جۇڭگودىن چوڭ - كىچىكلىكى فرانسيە، گېرمانىيە زېمىنىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدىغان زېمىن ۋە دوناي دەرياسىدەك ئۇزۇن دەريا ئېقىنىغا ئىگە بولۇۋالدى» دېگەنىدى.