UyghurWiki›جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر›گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ1 - قېتىملىق ھەمكارلىقى
گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ1 - قېتىملىق ھەمكارلىقى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1911 - يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى يۈەن شىكەي دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، «مىنگو» نى «ئىمپېرىيە» گە ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى. يۈەن شىكەي ئۆلگەندىن كېيىن شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بېيجىڭ «مىللىي ھۆكۈمىتى» نى كونترول قىلىپ داۋاملىق زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىنى يوققا چىقاردى.1921
- يىلى7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى. جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىنقىلابىي بىرلىك سەپ قۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى.1923 - يىلى6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گۇاڭجۇدا مەملىكەتلىك3 - قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىزملىق مەيدانى توغرا مۆلچەرلەندى، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى گومىنداڭ (ئەسلىدىكى جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پارتىيىسى) بىلەن ھەمكارلىشىش، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن گومىنداڭغا كىرىش، گومىنداڭنى ھەرقايسى ئىنقىلابىي سىنىپلارنىڭ بىرلەشمە ئىتتىپاقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سىياسىي، تەشكىلىي، ئىدىيىۋى مۇستەقىللىقىنى ساقلاش قارار قىلىندى. بۇ چاغدا سۇن جۇڭشەن كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ تەجرىبە - ساۋىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر گۇرۇھتىكى مىلىتارىستقا تايىنىپ يەنە بىر گۇرۇھتىكى مىلىتارىستنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق ئىنقىلابنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خەلققە تايىنىپ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتەك سىياسىي تەشەببۇسىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشچى - دېھقان ئاممىسى بىرلەشمە سىياسىي پارتىيىسىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە كىرىشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردىمىدە،1924 - يىلى1 - ئايدا سۇن جۇڭشەن گۇاڭجۇدا گومىنداڭنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىردى. گومىنداڭ ئەزالىرىدىن خۇ خەنمىن، ۋاڭ جىڭۋېي، لىن سېن ۋە كوممۇنىستلاردىن لى داجاۋ، لىن بوچۈي، ماۋ زېدۇڭ، چۈي چيۇبەي قاتارلىقلار قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشتى. قۇرۇلتاي يېڭى پارتىيە پروگراممىسى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش چارىسىنى ماقۇللاپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەخسي سالاھىيىتى بىلەن گومىنداڭغا كىرىشىگە قوشۇلۇپ، «روسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى - دېھقانلارغا يار - يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى رەسمىي بېكىتتى. قۇرۇلتاي ئېلان قىلغان ختابنامىدە ئۈچ مەسلەك قايتىدىن ئىزاھلاندى، ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يېڭى دېموكراتىزملىق ئىنقىلاب پروگراممىسىغا بىرقەدەر يېقىنلاشقان بولۇپ، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ سىياسىي ئاساسى بولۇپ قالدى.
گومىنداڭنىڭ مەملىكەتلىك1 - قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ1 - قېتىملىق ھەمكارلىقى ئورنىتىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ۋە ھەرقايسى ئىنقىلابىي سىنىپلارنىڭ بىرلىك سېپى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.1927 - يىلى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار ئارقا - ئارقىدىن ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ1 - قېتىملىق ھەمكارلىقى بۇزۇلدى