تيەنجىن شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
«تيەنجىن شەرتنامىسى» — جۇڭگو2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئىمزالىغان تۆتىنچى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە.1858
- يىلى (شيەنفېڭنىڭ8 - يىلى)6 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى گۇي لياڭ بىلەن خاسانانى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ، تيەنجىندە ئەنگلىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئېلگىن (niglE) بىلەن «جۇڭگو - ئەنگلىيە تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. يەنە فرانسىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى گروس (sorG) بىلەن «جۇڭگو - فرانسىيە تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ بېيجىڭدا داۋاملىق تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ نيۇجۇاڭ (كېيىن يىڭكۇغا ئۆزگەرتىلگەن)، دېڭجۇ (كېيىن يەنتەيگە ئۆزگەرتىلگەن)، تەيۋەن (تەينەن)، دەنشۇي، چاۋجۇ (كېيىن شەنتۇغا ئۆزگەرتىلگەن)، چيۇڭجۇ، خەنكۇ، جيۇجياڭ، نەنجىڭ، جېنجياڭ قاتارلىق ئون جاينى سودا ئېغىزى قىلىپ ئېچىۋېتىش؛ ئەنگلىيە، فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئىچكىرى جايلاردا سەيلە - ساياھەت، سودا - سېتىق قىلىشىغا، دىن تارقىتىشىغا يول قويۇش؛ چەت ئەل سودا پاراخوتلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ھەرقايسى ئېغىزلىرىدا ئەركىن قاتنىشىغا يول قويۇش؛ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، سودا كېمىلىرىدىن ئالىدىغان باجنى كېمەيتىش؛ جۇڭگو ئەنگلىيىگە4 مىليون سەر، فرانسىيىگە2 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئامېرىكا، روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ «ياراشتۇرۇش» تا تۆھپىسى بولغاچقا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم «جۇڭگو - ئامېرىكا تيەنجىن شەرتنامىسى» ۋە «جۇڭگو - روسىيە تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. «جۇڭگو - روسىيە تيەنجىن شەرتنامىسى» دە: ئىككى تەرەپ ئادەم ئەۋەتىپ، تېخى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن دۆلەت چېگىرىلىرىنى تەكشۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇ، روسىيىنىڭ جۇڭگوغا يەنە بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى.
«تيەنجىن شەرتنامىسى» غەربتىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر كۈچىنىڭ چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە يول ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يەنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىشىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى.