UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرتاڭگۇ كېلىشىمى

تاڭگۇ كېلىشىمى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر 1933 - يىلى2 - ئايدا ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى رېخې ئۆلكىسىنى بېسىۋالدى، ئارقىدىنلا سەددىچىننىڭ ھەرقايسى ئېغىزلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) ۋە تيەنجىنگە قىستاپ كەلدى، ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى.5 - ئاينىڭ31 - كۈنى، مىللىي ھۆكۈمەت بېيپىڭ شۆبە ھەربىي كومىتېتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى شيۇڭ بىننى جۇڭگو ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەپ، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گاڭسۇن نىڭسى بىلەن تيەنجىندىكى تاڭگۇدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىپ، «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى، يەنى شىمالىي جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساتقان «تاڭگۇ كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. »تاڭگۇ كېلىشىمى« دە جۇڭگو ئارمىيىسى دەرھال يەنچىڭ، چاڭپىڭ، گاۋلىيىڭ (ھازىر بېيجىڭغا تەۋە)، شۇنيى، تۇڭجۇ، شياڭخې، باۋدى، لىنتىڭكۇ، نىڭخې، لۇتەي لىنىيىلىرىنىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدىكى رايونلارغا چېكىنىش، قايتا ئىچكىرىلەپ كىرمەسلىك؛ بۇ رايونلارنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىن تاكى سەددىچىن سېپىلى لىنىيىسىدىكى رايونلارغىچە بولغان جايلارنى قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون قىلىپ بەلگىلەش، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ بۇ جايلاردا تۇرۇشىغا يول قويماسلىق؛ سەددىچىن سېپىلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق، دەپ بەلگىلەندى. بۇ كېلىشىمدە ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە رېخې ئۆلكىسىنى بېسىۋالغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى ھەمدە خېبېينىڭ شەرقى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ «ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان»، «قورالسىز رايون» قىلىپ بۆلۈپ بېرىلىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ئىشىك ئېچىپ بېرىلىپ، پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو رايونى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر