جۇڭگو - ياپونىيە سمونوسېكى شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1895 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جاڭ يىنخۇەننى ياپونىيىگە سۈلھىلىشىشكە ئەۋەتتى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى جاڭ يىنخۇەننى مەرتىۋىسى تۆۋەن دەپ قاراپ ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، لى خۇڭجاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى لى خۇڭجاڭنى ئالىي دەرىجىلىك تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى يېتىڭ بوۋىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە سمونوسېكىغا ئەۋەتتى.4 - ئاينىڭ17 - كۈنى جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - ياپونىيە سمونوسېكى شەرتنامىسى» گە ئىمزا قويدى.
بۇ تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە بولغان كونتروللۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ جۇڭگو لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، تەيۋەن ھەمدە پېڭخۇ تىزما ئاراللىرىنى ياپونىيىگە كېسىپ بېرىش؛ جۇڭگو ياپونىيىگە200 مىليون سەر ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش؛ جۇڭگو شاشى، چۇڭچىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق تۆت جاينى سودا ئېغىزى قىلىپ ئېچىۋېتىش، ياپونىيە كېمىلىرىنىڭ ئىچكى دەريالار ئارقىلىق يۇقىرىقى سودا ئېغىزلىرىغا خالىغانچە كىرىپ، چىقىشىغا يول قويۇش؛ ياپونىيىلىكلەرنىڭ ھەرقايسى سودا ئېغىزلىرىدا زاۋۇت قۇرۇشىغا يول قويۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، چارروسىيە ياپونىيىنىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىشى ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ قاراپ، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ياپونىيىنى لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە «لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ياردەملىشىش ھەققى» سۈپىتىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن يەنە30 مىليون سەر كۈمۈش ئۈندۈرۈۋالدى.
«جۇڭگو - ياپونىيە سمونوسېكى شەرتنامىسى» جۇڭگونىڭ مىللىي كرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىشىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.