خې يىڭچىن - ئومېزو يوشىجىرۇ كېلىشىمى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1935 - يىل5 - ئاينىڭ بېشىدا، تيەنجىندىكى «گوچۈەن» (دۆلەت ھوقۇقى) رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى، خائىن خۇ ئېنفۇ بىلەن «جېنشېڭ» رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى، خائىن بەي يۈيخېڭ بىرلا ۋاقىتتا ياپونىيە كونسېسسىيىسىدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى دەستەك قىلىپ ھەمدە زۇنخۇا ناھىيىسى ھاكىمىنىڭ رېخېدىكى پىدائىي قوشۇن سۇن يۇڭچىن قىسمىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى «تاڭگۇ كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلغانلىق دېگەننى باھانە قىلىپ،5 - ئاينىڭ29 - كۈنى مىللىي ھۆكۈمەتكە تۈرلۈك يولسىز تەلەپلەرنى قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور تۈركۈمدىكى ياپون ئارمىيىسى شەنخەيگۇەنگە كىرىپ ئۇدۇل بېيپىڭ، تيەنجىنلەرگە قىستاپ كەلدى.6 - ئاينىڭ بېشىدا گومىنداڭ بېيپىڭ شۆبە ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خې يىڭچىن ياپونىيىنىڭ شىمالىي جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئومېزو يوشىجىرۇ بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.7 - ئاينىڭ6 - كۈنى خې يىڭچىن ئومېزو يوشىجىرۇغا خەت يېزىپ ياپونىيە تەرەپنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خې يىڭچىن - ئومېزو يوشىجىرۇ شەرتنامىسى» گە مەخپىي ئىمزا قويدى.
«خې يىڭچىن - ئومېزو يوشىجىرۇ شەرتنامىسى» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: خېبېي ئۆلكىسىدىكى گومىنداڭنىڭ بارلىق پىرقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ جۇڭگو خېبېيدا تۇرۇشلۇق شەرقىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ51 - جۈنى، گومىنداڭ مەركىزىي ئارمىيىسى ۋە ژاندارما3 - تۇەنىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش؛ خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى يۈي شۆجۇڭنى ۋە بېيپىڭ، تيەنجىن شەھەرلىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش. بېيپىڭ شۆبە ھەربىي كومىتېتى سىياسىي تەلىم - تەربىيە باشقارمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بارلىق تەشكىلات ۋە ھەرىكەتلەرنى مەنئىي قىلىش. شۇنداق قىلىپ، جۇڭگو خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدى.