UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرگومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ2 - قېتىملىق ھەمكارلىقى

گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ2 - قېتىملىق ھەمكارلىقى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر شىئەن ۋەقەسى تىنچ ھەل قىلىنغاندىن كېيىن1937 - يىلى2 - ئايدىن7 - ئايغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇ ئېنلەي، يې جيەنيىڭ قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ، گومىنداڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىككى پارتىيە ھەمكارلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنى توپقا تۇتۇپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئەتىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇمىي تېلېگرامما ئېلان قىلىپ، «پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ مىللىي بىرلىك سەپتىن ئىبارەت مۇستەھكەم سېپىل قۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش» قا چاقىردى ھەمدە «گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيىنىڭ ھەمكارلىقى» مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي كوممۇنىستىك پارتىيە يەنە گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى خىتابنامىسىنى گومىنداڭغا تاپشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىك سىياسىينى يولغا قويۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قىزىل ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق2 - قېتىملىق گومىنداڭ - كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا مۇھىم شارائىت ھازىرلاپ بەردى. گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، غەربىي شىمالدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ8 - يول ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، قىسقارتىلىپ «8 - ئارمىيە» دەپ ئاتالدى. جۇ دې باش قوماندانلىققا، پېڭ دېخۇەي مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا تەيىنلەندى. كېيىن جەنۇبتىكى سەككىز ئۆلكىدىكى قىزىل ئارمىيە پارتىزان ئەترەتلىرى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان4 - ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، قىسقارتىلىپ »يېڭى4 - ئارمىيە« دەپ ئاتالدى، يې تىڭ جۈنجاڭلىققا، شياڭ يىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭلىققا تەيىنلەندى.9 - ئاينىڭ22 - كۈنى گومىنداڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تاپشۇرغان گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى.23 - كۈنى جياڭ جيېشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش نۇتقىنى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە2 - قېتىملىق ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ رەسمىي شەكىللەندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو خەلقى گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى ئاساسىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى دولقۇن قوزغىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقلىقتا، ئىلغارلىقتا چىڭ تۇرۇش، تەسلىمچىلىككە، بۆلۈنۈشكە، چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار توغرا فاڭجېنلارنى يۈرگۈزگەچكە، ئاخىرقى ھېسابتا كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى تەتۈر ئېقىم ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، گومىنداڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداپ قالدى، شۇنداقلا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈچلەرنى ئۇلغايتتى. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ2 - قېتىملىق ھەمكارلىقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ناھايىتى ئاكتىپ ئوينىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن جياڭ جيېشى غەلىبە مېۋىسىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن،1946 - يىلى6 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ2 - قېتىملىق ھەمكارلىقى ئۈزۈل - كېسىل يىمىرىلدى، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئومۈميۈزلۈك باشلاندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر