UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرجۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى

جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر جۇڭگو1885 - يىلى جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان فرانسىيىگە تىز پۈكۈپ سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقنى يوقىتىپ دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرگەن «جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى، بۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىك، ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.1885 - يىلى3 - ئايدا جۇڭگو ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن جېننەنگۇەن، لياڭشەن ۋە لىنتاۋ جەڭلىرىدە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ رەسۋاسىنى چىقىرىۋەتتى. بۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى «غەلىبە قازانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۈلھىلىشىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.4 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى پارىژدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.6 - ئايدا جۇڭگو - فرانسىيە ئىككى تەرەپ تيەنجىندە «جۇڭگو - فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ ئورنىنى بېكىتىش شەرتنامىسى»، يەنى «جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. «جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو ۋيېتنامنىڭ فرانسىيىنىڭ «ھامىيلىقىدىكى دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو گۇاڭشى ۋە يۈننەن چېگرىسىدىكى ئىككى جايدا سودا ئېغىزى ئېچىش، فرانسىيە سودىگەرلىرىنىڭ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويۇش؛ جۇڭگونىڭ يۈننەن، گۇاڭشىدا ياسىماقچى بولغان تۆمۈريوللىرىنى فرانسىيىلىكلەر ئۈستىگە ئېلىپ ياساش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەسىر كۈچى جۇڭگونىڭ گۇاڭشى ۋە يۈننەن قاتارلىق غەربىي جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى | UyghurWiki | UyghurWiki