جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى سۇيىقەستلىك پىلانلىغان يېڭى4 - ئارمىيىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، يەنى گومىنداڭنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى قوزغىغان2 - قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنىدۇر.1940
- يىلى10 - ئايدا جياڭ جيېشىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، خې يىڭچىن بىلەن بەي چۇڭشى باش سەنمۇجاڭ ۋە مۇئاۋىن باش سەنمۇجاڭ نامىدا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى8 - ئارمىيە بىلەن يېڭى4 - ئارمىيىگە پۈتۈن قوشۇن بويىچە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىغا چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قورشاپ يوقاتماقچى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتەك چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، جەنۇبىي ئەنخۇيدىكى يېڭى4 - ئارمىيىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىغا يۆتكەشكە قوشۇلدى.1941
- يىل1 - ئاينىڭ4 - كۈنى يېڭى4 - ئارمىيە باش شتابى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملاردىكى9000 دىن ئارتۇق كىشى بۇيرۇققا بىنائەن شىمالغا يۆتكىلىپ، ئەنخۇينىڭ جىڭشيەن ناھىيىسىدىكى ماۋلىن رايونىدىن ئۆتكەندە، مۇشۇ جايغا بۆكتۈرمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان80 مىڭدىن ئارتۇق گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىغا ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. يېڭى4 - ئارمىيىدىكى جەڭچىلەر يەتتە كېچە - كۈندۈز قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئاخىر كۈچ پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقى، ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلۈك تۈگەپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك2000 غا يېقىن ئادەم قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەندىن باشقا، زۆر كۆپچىلىكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. جۈنجاڭ يې تىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن سۆھبەتلەشكىلى بارغاندا تۇتۇپ قېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى. مۇئاۋىن جۈنجاڭ شياڭ يىڭ خائىنلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مانا بۇ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىنى زىلزىلىگە سالغان جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىدۇر.
جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن جياڭ جيېشى يېڭى4 - ئارمىيىنى ئاسىي قوشۇن دەپ جاكارلاپ، يېڭى4 - ئارمىيىنىڭ بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە قوشۇن ئەۋەتىپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يېڭى4 - ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ،1 - ئاينىڭ20 - كۈنى يېڭى4 - ئارمىيە باش شتابىنى قايتىدىن قۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، چېن يىنى مۇۋەققەت جۈنجاڭلىققا، ليۇ شاۋچىنى سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلەپ، قوشۇننى يەتتە شىغا كۆپەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، جياڭ جيېشىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. جۇ ئېنلەي چۇڭچىڭدا «جياڭنەندە دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا تەزىيە»، «مىسلىسىز ناھەقچىلىق چۈشتى جياڭنەنگە، چۈشتى بالا - قازا يې تىڭلارنىڭ بېشىغا، قېرىنداشلار بىر - بىرىگە قورال تەڭلىشىپ، نېچۈن قورۇيدۇ ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ، «شىنخۇا گېزىتى» دە ئېلان قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ نارازىلىق سادالىرى ئىچىدە،3 - ئاينىڭ6 - كۈنى جياڭ جيېشى مىللىي كېڭەش كومىتېتى يىغىنىدا «بۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيىنى يوقىتىش يولىدا قەتئىي ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى2 - قېتىملىق دولقۇن چېكىندۈرۈلدى.