UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرشاۋشىڭ كېلىشىمى

شاۋشىڭ كېلىشىمى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر مىلادىيە1141 - يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە11 - ئايدا، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى سۇڭ گاۋزۇڭ − جاۋ گۇ، چېن خۇيلار باشچىلىقىدىكى تەسلىمچىلەر جىن خانىدانلىقى بىلەن ھاقارەتلىك تەسلىم بولۇش شەرتنامىسى تۈزدى، شەرتنامىدە: جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جىن خانىدانلىقىغا قارام بولىدۇ، سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى شەرقتە خۇەيشۇي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى، غەربتە داسەنگۇەن (ھازىرقى شەنشىدىكى باۋجىدا) ئارقىلىق چىگرىلىنىدۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى تاڭجۇ، دېڭجۇ ئىككى ئايماقنى ۋە شاڭجۇ، چىنجۇ ئىككى ئايماقنىڭ يېرىمىنى جىن سۇلالىسىگە كېسىپ بېرىدۇ؛ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جىن سۇلالىسىگە ھەر يىلى250 مىڭ سەر كۈمۈش،250 مىڭ توپ يىپەك تۆلەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى. مانا بۇ، زېمىن كېسىپ بېرىلىپ، كۈمۈش تۆلەنگەن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى «شاۋشىڭ كېلىشىمى» دۇر. بۇ تەسلىم شەرتنامىسى جىن سۇلالىسىگە قارشى جەڭگاھتىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان، جىن قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىۋاتقاندا ئىمزالاندى. مىلادىيە1140 - يىلى جىن لەشكەرلىرى جەنۇبقا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىردى، لېكىن ھەرقايسى يول قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، شۇنچاڭ (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى پۇياڭ) جېڭىدە سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ، جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارقىدىنلا جىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرغۇچى مەشھۇر سەركەردە يۆ فېي يۆ جەمەتى قوشۇنلىرىنى باشلاپ يەنچېڭ (ھازىرقى خېنەندىكى يەنچېڭ ناھىيىسى) دا زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جېڭجۇ، لوياڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى. بۇ ۋاقىتتا، جىن قوشۇنلىرى خېبېيغا چېكىنمەكچى بولۇپ تۇراتتى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىمالنى قايتۇرۇۋېلىش سادالىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، جىن خانىدانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە سۇڭ سۇلالىسى پايدىلىق ئورۇندا تۇراتتى. بىراق، مۇرەسسە ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان سۇڭ گاۋزۇڭ بىر تەرەپتىن، سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى غەلىبىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يارىشىش غەرىزىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يۆ جەمەتى قوشۇنلىرىنىڭ جىن خانىدانلىقى بارگاھىدىن سۇڭ خۇيزۇڭ، سۇڭ چىنزۇڭ ئىككى پادىشاھنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە تەھدىت سېلىشىدىن تېخىمۇ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن، سۇڭ گاۋزۇڭ ھوقۇقدار ۋەزىر چىن خۇي بىلەن كېلىشىپ، ھەرقايسى يول قوشۇنلارغا چېكىنىش پەرمانى چۈشۈردى ھەمدە يۆ فېيگە بىر كۈندە ئارقا - ئارقىدىن12 پارچە ئالتۇن تەمتەك ئەۋەتىپ مەجبۇرىي قوشۇن چېكىندۈردى. يۆ فېي ھەسرەتلىنىپ: «ئون يىللىق ئەجرىم بىكار كەتتى» دېدى. ھەرقايسى يول سۇڭ قوشۇنلىرى چېكىنگەچكە، ئاللىقاچان قايتۇرۇۋالغان زېمىنلار قايتىدىن جىن خانىدانلىقىغا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. مىلادىيە1141 - يىلى سۇڭ گاۋزۇڭ جىن خانىدانلىقىغا يارىشىش «سەمىمىيىتى» نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۆ فېي، خەن شىجۇڭ، جاڭ جۈن ئۈچ نەپەر سەركەردىنىڭ لەشكىرىي ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، جىن سۇلالىسىگە قارشى جەڭ قىلىشقا مەسئۇل مەخسۇس ئورگانلارنى بىكار قىلدى. ئاندىن سۇڭ گاۋزۇڭ جىن خانىدانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ يارىشىشنى تەلەپ قىلىپ، جىن خانىدانلىقىنىڭ باش لەشكىرىي قوماندانى ۋۇ جۇغا ئۈچ قېتىم باش ئۇرۇپ، چىن دىلىدىن يارىشىشنى ئۆتۈندى. جىن خانىدانلىقى «يۆ فېينى جەزمەن يوقىتىش» شەرتى ئاستىدا، يارىشىشقا قوشۇلدى. بىر قاتار سودىلىشىشلار ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شاۋشىڭ كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، سۇڭ گاۋزۇڭ بىلەن چىن خۇي جىن خانىدانلىقىنىڭ ئىرادىسىگە بىنائەن، يىل ئاخىرىدا يۆ فېيگە زىيانكەشلىك قىلدى. جىن خانىدانلىقى يۆ فېينىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇشمۇتۇشتىن زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىنلا جىن خانىدانلىقى ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇڭ گاۋزۇڭغا سۇڭ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى دېگەن ئوتۇغات نامىنى بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر