UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرئەمىنىيە (چۇنچيۇ) دەۋرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشى

ئەمىنىيە (چۇنچيۇ) دەۋرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، جىن، چۇ بەگلىكلىرى ھاكىمبەگلىك تالىشىش ئۈچۈن يىلمۇيىل ئۇرۇش قىلىپ، كەڭ خەلققە چەكسىز ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى579 - يىلى سۇڭ بەگلىكىدىكى خۇا يۈەن جىن، چۇ بەگلىكلىرىنى ياراشتۇرۇپ ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى تۈزدۈرۈپ، ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماسلىقنى بەلگىلىدى، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش باشلاندى. نەچچە ئون يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق جىن، چۇ بەگلىكلىرى قاتتىق ھالسىراپ كەتتى. بۇ ئىككى بەگلىك ھاللىنىشقا موھتاج ئىدى، باشقا بەگلىكلەرمۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، سۇڭ بەگلىكىدىكى شياڭ رۇڭ تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ، جىن، چۇ بەگلىكلىرىنى ياراشتۇردى ھەمدە ھەرقايسى بەگلىكلەر بىلەن بىللە داغدۇغىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشى چاقىردى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى546 - يىلى ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشى سۇڭ بەگلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى. جىن، چۇ، چى، چىن، سۇڭ، لۇ، جېڭ، ۋېي، چېن، شۈي، ساۋ، جۇ، تېڭ، سەي قاتارلىق14 بەگلىك كېڭەشكە قاتناشتى. كېڭەشتە: جىن بەگلىكى بىلەن چۇ بەگلىكى ئىتتىپاقنىڭ بېشى بولىدۇ، ھەرقايسى بەگلىكلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق ئەھدى ئىمزالايدۇ، ئۆزئارا ئۇرۇشمايدۇ، چى، چىن بەگلىكلىرىدىن باشقا بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى جىن، چۇ بەگلىكلىرىگە بىردەك ئولپان تۆلەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشىنىڭ ئاقىۋىتى شۇ بولدىكى، جىن، چۇ بەگلىكلىرى تەڭلا ھاكىمبەگلىك ئورۇننى ئىگىلىدى. كېڭەش ھاكىمبەگلىك تالىشىۋاتقان ھەرقايسى بەگلىكلەرنى ئارام ئېلىۋېلىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بىراق ئۇرۇش ئاپىتىنى تۈپتىن يوقىتالمىدى ھەمدە ئۇرۇش ئاپىتىنى ھەقىقىي يوقىتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشى مەلۇم دەرىجىدە نىسپىي تىنچ ئىجتىمائىي مۇھىت ئېلىپ كەلدى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى ئازىيىپ تىنچ دەۋرگە قەدەم قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىشقا، گۈللىنىشكە باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
ئەمىنىيە (چۇنچيۇ) دەۋرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېڭىشى | UyghurWiki | UyghurWiki