يىگىرمە بىر ماددا
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1915 - يىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭى يۈەن شىكەي پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. ياپون جاھانگىرلىكى يۈەن شىكەينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا تەقەززا بولۇشتەك روھىي ھالىتىدىن پايدىلىنىپ1915 - يىلى1 - ئايدا «21 ماددىلىق تەلەپ» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىنى قوللاشنىڭ شەرتى قىلدى.
«21 ماددا» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو ياپونىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ شەندۇڭدىكى بارلىق ھوقۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇنى تۆمۈريول ياساش ۋە سودا مۇئامىلىلىرى جەھەتتە يېڭى ھوقۇقلارغا ئىگە قىلىش؛ جۇڭگو ياپونىيىنىڭ لۈيشۇن، داليەن ئىككى پورتنى، جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولى ۋە ئەنفېڭ تۆمۈريولىنى ئىجارىگە ئېلىش مۇددىتىنى99 يىلغا ئۇزارتىش؛ ياپونىيە جەنۇبىي مانجۇرىيە بىلەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، يەر ئىگىلەش، كان ئېچىش، مەسلىھەت بېرىش، قەرز بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇش؛ جۇڭگو - ياپونىيە بىرلىشىپ خەنيېپىڭ شىركىتىنى قۇرۇش، شىركەت ئەتراپىدا باشقىلارنىڭ كان قېزىشىغا يول قويماسلىق؛ جۇڭگو دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى پورتلار ۋە ئاراللارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئىجارە بەرمەسلىك ياكى بۆلۈپ بەرمەسلىك؛ جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىياسىي، مالىيە، ھەربىي ئىشلاردا ياپونىيىلىكلەرنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش؛ جۇڭگو ساقچى مەمۇرىيىتى ۋە ھەربىي قورال - ياراغ زاۋۇتلىرىنى ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ، جۇڭگونى ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرىدىغان بىر شەرتنامە ئىدى. يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرتنامىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشىدىن قورقۇپ، ئىزچىل تۈردە مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.5 - ئاينىڭ7 - كۈنى سۆھبەتتە كېلىشەلمەي، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۈەن شىكەيگە ئەڭ ئاخىر ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى.5 - ئاينىڭ9 - كۈنى يۈەن شىكەي ياپونىيىلىكلەرنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشنى «كېيىن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىش» قا قالدۇرغاندىن باشقا، ياپونىيىنىڭ باشقا بارلىق تاجاۋۇزچىلىق تەلەپلىرىگە قوشۇلدى.1916
- يىلى يېڭى يىلدا يۈەن شىكەي «جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، مىنگو يىلنامىسىنى خۇڭشيەنگە ئۆزگەرتتى. بىراق ئۇنىڭ شېرىن چۈشى ئۇزاققا بارماي، ئاران83 كۈن پادىشاھ بولۇپلا پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.6 - ئاينىڭ6 - كۈنى يۈەن شىكەي پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ لەنەت سادالىرى ئىچىدە ئۆلدى. جۇڭگو خەلقى قەتئىي قارشى تۇرغاچقا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىشقا ئۇرۇنغان «21 ماددا» سىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.