شىئەن ۋەقەسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
شىئەن ۋەقەسى1936 - يىل12 - ئاينىڭ12 - كۈنى يۈز بەرگەن، شۇڭلاشقا «12 - دېكابىر ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، جاڭ شۆلياڭ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسى بىلەن ياڭ خۇچېڭ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ17 - يول ئارمىيىسىنىڭ گومىنداڭنىڭ داھىيسى جاڭ جيېشىنى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «قورال كۈچى بىلەن نەسىھەت قىلىش» تىن ئىبارەت زور ۋەقەدۇر.1936
- يىلى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈش ئېغىرلاشتى. ئەينى مەزگىلدە شىمالىي شەنشىدە قىزىل ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان جاڭ شۆلياڭ بىلەن ياڭ خۇچېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەسىرىدە «ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە جياڭ جيېشىدىن كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئالاقزادە بولغان جياڭ جيېشى شەخسەن ئۆزى شىئەنگە كېلىپ جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭلارنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيىنى يوقىتىش» ىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. جاڭ شۆلياڭ بىلەن ياڭ خۇچېڭ جياڭ جيېشىغا كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىپ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، «قورال كۈچى بىلەن نەسىھەت قىلىش» نى قارار قىلدى.12 - ئاينىڭ12 - كۈنى سەھەردە شەرقىي شىمال ئارمىيىسى بىلەن17 - يول ئارمىيىسى بىرلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، لىنتۇڭ ۋە شىئەن شەھىرى ئىچىدە جياڭ جيېشى ۋە گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى ئايرىم - ئايرىم نەزەربەند قىلدى. ئارقىدىنلا پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېگرامما يوللاپ، ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. مانا بۇ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىنى زىلزىلىگە سالغان شىئەن ۋەقەسىدۇر.
شىئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياپونپەرەسلەر جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭلارغا جازا يۈرۈشى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى كېڭەيتىپ، جياڭ جيېشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى، ئەكسىچە سۇڭ مېيلىڭ، سۇڭ زىۋېن قاتارلىقلار جازا يۈرۈشى قىلىشقا قارشى تۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مىللەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتەك چوڭ ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، شىئەن ۋەقەسىنى تىنچ ھەل قىلىش فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە جۇ ئېنلەي، چىن باڭشيەن، يې جيەنيىڭلارنى شىئەنگە ياراشتۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مۇرەككەپ كۈرەشلەر ئارقىلىق جياڭ جيېشى24 - كۈنى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.25 - كۈنى جياڭ جيېشى قويۇپ بېرىلىپ، جاڭ شۆلياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نەنجىڭغا قايتتى.
شىئەن ۋەقەسىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەن ھالقا، شۇنداقلا ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.