UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرچەنيۈەن ئىتتىپاقى

چەنيۈەن ئىتتىپاقى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن لياۋ خانىدانلىقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «چەنيۈەن ئىتتىپاقى» — سۇڭ سۇلالىسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە تۆلەم تۆلىگەن ھاقارەتلىك شەرتنامە. مىلادىيە1004 - يىلى لياۋ خانىدانلىقىدىكى شياۋ خانىش بىلەن لياۋ شېنزۇڭ لەشكەر تارتىپ جەنۇبقا كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىرىپ، چەنجۇ (ھازىرقى خېنەننىڭ پۇياڭ ناھىيىسى) غىچە يېتىپ كەلدى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى، ئەلەمدار - قەلەمدارلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پايتەختنى تاشلاپ جەنۇبتىكى جىنلىڭغا ياكى غەربتىكى چېڭدۇغا قېچىشنى تەشەببۇس قىلدى، پەقەت ۋەزىر كۇ جۈنلا ياۋغا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ سۇڭ جېنزۇڭغا: «ئالىيلىرى، ئىلگىرىلەشكە بولىدۇكى، بىر قەدەممۇ چېكىنىشكە بولمايدۇ» دەپ، پايتەختنى كۆچۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ يەنە سۇڭ جېنزۇڭنى شەخسەن ئۆزى چەنجۇ ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلىپ، لەشكەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىنىڭ بارىچە دەۋەت قىلدى. سۇڭ جېنزۇڭ نائىلاج قوشۇن باشلاپ چەنجۇغا ئاتلاندى. ئەينى ۋاقىتتا لياۋ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەنھا ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولۇپ، ئالدى - كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى، ئۇلۇغ سانغۇنى شياۋ دالەن سۇڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئوقياسىدا ئۆلۈپ كەتكەچكە، لياۋ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇسلاپ كەتكەنىدى. سۇڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى پادىشاھنىڭ شەخسەن ئۆزى ئالدىنقى سەپكە كېلىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ جاسارىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن، سۇڭ جېنزۇڭ ياۋغا قارشى جەڭ قىلىشنى خالىماي، غەلىبىدىن پايدىلىنىپ لياۋ قوشۇنلىرىنىڭ بارگاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سۈلھىلەشتى. سۈلھى جەريانىدا، لياۋ خانىدانلىقى زېمىن كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سۇڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى، سۇڭ سۇلالىسى پەقەت ھەر يىلى لياۋ خانىدانلىقىغا كۈمۈش ۋە يىپەك بېرىپ تۇرۇشنى لياۋ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنىڭ شەرتى قىلىشقا قوشۇلدى. ئەلچى لياۋ قوشۇنلىرى بارگاھىغا بېرىشتىن ئاۋۋال سۇڭ جېنزۇڭدىن لياۋ خانىدانلىقىغا زادى قانچىلىك كۈمۈش ۋە يىپەك بېرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، سۇڭ جېنزۇڭ: «ئىلاج بولمىغاندا، مىليون سەر بولسىمۇ مەيلى» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان كۇ جۈن ئەلچىنى ئۆزىنىڭ بارگاھىغا چاقىرتىپ كېلىپ: «گەرچە ئالىيلىرى لياۋ خانىدانلىقىغا مىليون سەر كۈمۈش بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەگەر300 مىڭ سەردىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا كاللاڭنى ئالىمەن» دېدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق مىلادىيە1005 - يىلىنىڭ بېشىدا چەنجۇ ئالدىنقى سېپىدە كېلىشىم تۈزدى. چەنجۇ چەنيۈەن دەپمۇ ئاتالغاچقا، سۇڭ - لياۋ كېلىشىمى «چەنيۈەن ئىتتىپاقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كېلىشىمدە، سۇڭ، لياۋ ئىككى تەرەپ بەيگۇ دەرياسى (خېبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، ھازىر تىنىپ كەتتى) ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ، سۇڭ سۇلالىسى لياۋ خانىدانلىقىغا ھەر يىلى100 مىڭ سەر كۈمۈش،200 مىڭ توپ يىپەك تاپشۇرىدۇ، بۇ، «يىللىق ياساق» دەپ ئاتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. كېلىشىم ئىمزالانغاندا، يىللىق ياساق3 مىليون سەر بولدى، دېگەن خاتا خەۋەر تارقالغاچقا، سۇڭ جېنزۇڭ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، كېيىن300 مىڭ سەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولۇپ، «غەلىبە» قازاندۇق، دەپ قارىدى. چەنيۈەن ئىتتىپاقى سۇڭ سۇلالىسىگە ھاقارەت كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، سۇڭ - لياۋ ئىككى تەرەپ قارشىلىشىشتىن تىنچ بېرىش - كېلىش قىلىشقا ئۆتۈپ، سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇردى، بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر