جۇڭگو - ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1842 - يىلى (داۋگۇاڭنىڭ22 - يىلى) جۇڭگو ئەپيۈن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى.8 - ئاينىڭ29 - كۈنى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى چى يىڭ، يىلىبولار نەنجىڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىغا توختىتىپ قويۇلغان «كاڭخۇالى» ناملىق پاراخوتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ھېنرى پوتتېنگىر بىلەن «جۇڭگو - ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. بۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە.
«جۇڭگو - ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى» نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئارىلىنى ئەنگلىيىگە كېسىپ بېرىش، ئەنگلىيىگە ئەپيۈن پۇلى ۋە ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن21 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەش؛ گۇاڭجۇ، شيامېن، فۇجۇ، نىڭبو، شاڭخەي بەش جاينى سودا پورتى قىلىپ ئېچىۋېتىش؛ سودا ئېغىزلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ كونسۇل تۇرغۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ ئەنگلىيە سودىگەرلىرى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ سوممىسىنى جۇڭگو چوقۇم ئەنگلىيە بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشى لازىم، دېگەنلەردىن ئىبارەت.
كېيىنكى يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «جۇڭگو - ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى» نىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى سۈپىتىدە، «جۇڭگو - ئەنگلىيە بەش پورتتا سودا قىلىش نىزامنامىسى» ۋە «خۇمېن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى. قوشۇمچە ھۆججەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدا: سودا ئېغىزلىرىدا ئەنگلىيىلىكلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، بەلكى ئەنگلىيە كونسۇلى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى، بۇ، چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا جۇڭگو قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئاتالمىش «كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى» نىڭ باشلىنىشى ئىدى؛ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرگە بەرگەن ھوقۇقلاردىن ئەنگلىيىمۇ تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، مانا بۇ ئاتالمىش «بىر تەرەپلىمە ھالدىكى ئالاھىدە مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى» ئىدى؛ بەش پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشنىڭ بەلگىلىنىشى جۇڭگونى تاموژنا ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى؛ ئەنگلىيە يەنە سودا ئېغىزلىرىدا ئۆي - ئىمارەت سېلىش، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىشتەك ھوقۇقلارغا ئىگە بولدى. مانا بۇ، كېيىنكى «كونسېسسىيە» نىڭ مەنبەسى ئىدى.
«جۇڭگو - ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى» جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى زىيانغا ئۇچراتتى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.