UyghurWiki›جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر›جۇڭگو - ئامېرىكا ۋاڭشيا شەرتنامىسى ۋە جۇڭگو - فرانسىيە خۇاڭپۇ شەرتنامىسى
جۇڭگو - ئامېرىكا ۋاڭشيا شەرتنامىسى ۋە جۇڭگو - فرانسىيە خۇاڭپۇ شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
«جۇڭگو - ئامېرىكا ۋاڭشيا شەرتنامىسى» ۋە «جۇڭگو - فرانسىيە خۇاڭپۇ شەرتنامىسى» — ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە ئەپيۈن ئۇرۇشىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاپ ئىمزالىغان تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىدۇر.
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى كۇشىڭ ھەربىي پاراخوت بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالدى. ئۇ ئاۋمېنغا كەلگەندە، ھەربىي پاراخوتقا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگو پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىمەن، دەپ جار سالدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان داۋگۇاڭ خان ئالدىراپ - تېنەپ خان مۇپەتتىشى چى يىڭنى كۇ شىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتتى.1844 - يىل7 - ئاينىڭ3 - كۈنى چى يىڭ كۇشىڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ يېنىدىكى ۋاڭشيا كەنتىدە «جۇڭگو - ئامېرىكا ۋاڭشيا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىدە، ئامېرىكا ئەنگلىيە «نەنجىڭ شەرتنامىسى» دە ئېرىشكەن ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشتىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ: ئامېرىكىلىقلار جۇڭگودا ھەر خىل دەۋا ئىشلىرى پەيدا قىلسا، ئامېرىكا كونسۇلى تەرىپىدىن سوت قىلىنىدۇ، جۇڭگو قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ جۇڭگو تاموژنا بېجى ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىشتە چوقۇم ئامېرىكا كونسۇلى بىلەن كېڭىشىشى لازىم؛ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ھەرقايسى پورتلارغا «سودا ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش» كە بارسا بولىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان تۇنجى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىدۇر.1844
- يىلى (داۋگۇاڭنىڭ24 - يىلى)10 - ئايدا فرانسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ كەينىدىنلا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى گۇاڭجۇدىكى خۇاڭپۇدا «جۇڭگو - فرانسىيە خۇاڭپۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، بەش پورتتا سودا قىلىش، تاموژنا بېجىنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىش، كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى ھەمدە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئالاھىدە مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى قاتارلىق ئالاھىدە ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى، يەنە فرانسىيە مىسسىئونېرلىرى (دىن تارقاتقۇچىلىرى) نىڭ سودا پورتلىرىدا چېركاۋ سېلىشىغا يول قويۇلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كاتولىك دىنىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ بەش سودا ئېغىزىدا ئىختىيارىي دىن تارقىتىشىغا يول قويدى. بۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيە بىلەن ئىمزالىغان تۇنجى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە.
«جۇڭگو - ئامېرىكا ۋاڭشيا شەرتنامىسى» بىلەن «جۇڭگو - فرانسىيە خۇاڭپۇ شەرتنامىسى» جۇڭگونىڭ ئەدلىيە، تاموژنا، دېڭىز تەۋەلىكى جەھەتلىرىدە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.