چۇڭچىڭ سۆھبىتى ۋە «10 - ئۆكتەبىر» كېلىشىمى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1945 - يىلى8 - ئايدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى كومپارتىيىگە، خەلققە قارشى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشقا پائال تەييارلىق قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېشىدا يەنە ئۇرۇش بولۇتلىرى ئەگىشكە باشلىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تىنچلىققا، دېموكراتىيىگە تەشنا بولغاچقا، گومىنداڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن جياڭ جيېشى يالغاندىن تىنچلىق نىقابىغا ئورىلىۋېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ماۋ زېدۇڭغا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم تېلېگرامما يوللاپ چۇڭچىڭغا كېلىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئىچكى تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ8 - ئاينىڭ28 - كۈنى جۇ ئېنلەي، ۋاڭ رۇفېيلارنىڭ ھەمراھلىقىدا چۇڭچىڭغا يېتىپ كېلىپ، گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
سۆھبەت جەريانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گومىنداڭنىڭ ئازاد رايونلار ھاكىمىيىتىنى ۋە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىدا چىڭ تۇردى ھەمدە جېجياڭ، جەنۇبىي جياڭسۇ، جەنۇبىي ئەنخۇي قاتارلىق سەككىز ئازاد رايوندىن ۋاز كېچىپ، بۇ سەككىز ئازاد رايوندىكى خەلق ئارمىيىسىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىغا چېكىندۈرۈشكە قوشۇلدى. لېكىن گومىنداڭ ئازاد رايونلار ھاكىمىيىتىنى ۋە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى قىلچىلىكمۇ ئېتىراپ قىلمىدى. سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ سىرتىدا گومىنداڭ يەنە سەنشىنىڭ شاڭداڭ رايونىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، نەتىجىدە35 مىڭ ئادىمى ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ھۇجۇم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ۋەكىللىرى يەنە سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلدى.43
كۈنلۈك سۆھبەت كۈرىشى ئارقىلىق گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە10 - ئاينىڭ10 - كۈنى بىرلىكتە ئىمزا قويغان «ھۆكۈمەت بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى»، يەنى «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» نى ئېلان قىلدى. كېلىشىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: گومىنداڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچ يول بىلەن دۆلەت قۇرۇش» ئاساسىي فاڭجېنىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىككى پارتىيە تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىپ، ئىچكى ئۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، مۇستەقىل، ئەركىن، قۇدرەتلىك يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ چىقىدۇ، تېزلىكتە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، قاتارلىقلار. بىراق گومىنداڭ «ھەربىي بۇيرۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ۋە «مەمۇرىي بۇيرۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» نى باھانە قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، ئىككى تەرەپ ئازاد رايونلار ھاكىمىيىتى ۋە ئازادلىق مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.
« 10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ4 - كۈنى، يەنى10 - ئاينىڭ13 - كۈنى جياڭ جيېشى «كوممۇنىستىك پارتىيىنى يوقىتىش» مەخپىي بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئازاد رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوشۇن ئەۋەتتى، ئەمدىلا ئىمزالانغان «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.1946 - يىلى6 - ئايدا جياڭ جيېشى كومپارتىيىگە، خەلققە قارشى ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى، «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» بىر پارچە قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى.