UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرجۇڭگو - روسىيە غەربىي شىمال چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى

جۇڭگو - روسىيە غەربىي شىمال چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر چارروسىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى نۇرغۇن زېمىنىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىبلىس چاڭگىلىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونلىرىغا سوزدى. جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمدىكى چېگرىسى ئەسلىدە بالقاش كۆلى ئىدى.1847 - يىلى چارروسىيە قوشۇن ئەۋەتىپ بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى جۇڭگو زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، زورلۇق بىلەن تايانچ پونكىت قۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن چارروسىيە قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى جايلارنى تارتىۋالدى.1862 - يىلى8 - ئايدا جۇڭگو - روسىيە ئىككى تەرەپ چۆچەكتە چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. روسىيە ۋەكىلى ئەسلىدە جۇڭگوغا تەۋە زايسان كۆلى بىلەن تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، جۇڭگو ۋەكىللىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاچقا سۆھبەت بۇزۇلدى.1864 - يىلى10 - ئايدا جۇڭگو - روسىيە ئىككى تەرەپ چۆچەكتە قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . روسىيە تەرەپ ۋەكىلى1000 نەچچە ئەسكەرنى چۆچەككە باشلاپ كېلىپ، سۆھبەت بۇزۇلغاندىن كېيىن چۆچەكنى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلىشقا تەييارلاندى.10 - ئاينىڭ7 - كۈنى چارروسىيىنىڭ تەھدىتى ۋە پوپوزا قىلىشى نەتىجىسىدە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي شىمالدىكى چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش ۋەزىرى مىڭ يى بىلەن چارروسىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەزىرى زاخاروف «جۇڭگو - روسىيە غەربىي شىمال چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. «جۇڭگو - روسىيە غەربىي شىمال چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى» دە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى جۇڭگو زېمىنى، يەنى ئەسلىدە جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىنىدىغان زايسان كۆلى، تۆمۈرتى نۇر قاتارلىق كەڭ زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلار چارروسىيىگە بۆلۈپ بېرىلدى. بۇ جايلارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى440 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا باراۋەر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
جۇڭگو - روسىيە غەربىي شىمال چېگرىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش كېلىشىمى | UyghurWiki | UyghurWiki