UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرجۇڭگو - روسىيە نېۋچىنىسكىي شەرتنامىسى

جۇڭگو - روسىيە نېۋچىنىسكىي شەرتنامىسى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر جۇڭگو - روسىيە نېۋچىنىسكىي شەرتنامىسى جۇڭگو - روسىيە ئىككى تەرەپ تىنچ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىمزالىغان چېگرا ئايرىش شەرتنامىسىدۇر. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا چارروسىيە قوشۇنى تاشقى ھىنگان تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا بېسىپ كىرىپ يېزا - قىشلاقلارنى كۆيدۈرۈپ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە يىلپىز تېرىلىرىنى بۇلاپ - تالىدى. ئۇلار جۇڭگو زېمىنى نېۋچىنىسكىينى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، يەنە مىلادىيە1650 - يىلى ياكسانى ئىگىلىۋالدى ھەمدە بۇ جايغا قەلئە سېلىپ، تايانچ پونكىتى قىلدى. چېگرىدىكى خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشى ئاستىدا، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ ياكسانى بىر مەھەل قايتۇرۇۋالدى ھەمدە چارروسىيىنى سۆھبەتلىشىشكە كۆپ قېتىم دەۋەت قىلدى، بىراق روسىيە تەرەپ پىسەنت قىلمىدى.1685 - يىلى كاڭشى خان چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ياكسانى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا يەنە پەرمان چۈشۈردى، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى سۇ، قۇرۇقلۇقتىن تەڭلا ئىلگىرىلەپ ياكساغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئالدىدا تاجاۋۇزچى ئارمىيە نائىلاج تەسلىم بولۇپ، چېكىنىشكە قوشۇلدى، بىراق چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى چېكىنىشىگىلا، يەنە ياكسا شەھىرىگە ئوغرىلىقچە ئىلگىرىلەپ كىرىپ تايانچ پونكىتىنى قايتىدىن قۇرۇۋالدى. كېيىنكى يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ياكسا شەھىرىگە قايتىدىن قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. بىرنەچچە ئايغا سوزۇلغان جەڭلەر ئارقىلىق تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭ كاتتىۋىشى توربوزىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، روسىيە قوشۇنىنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ياكسا شەھىرى ئېلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ ئەھۋال چارروسىيىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.1689 - يىل8 - ئاينىڭ22 - كۈنىدىن9 - ئاينىڭ6 - كۈنىگىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۇئېتو بىلەن چارروسىيە ۋەكىلى گروۋىن جۇڭگونىڭ نېۋچىنىسكىي شەھىرىدە رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،9 - ئاينىڭ7 - كۈنى جۇڭگو - روسىيە نېۋچىنسكىي شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو - روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي چېگرىسى بېكىتىلىدۇ، گىربىچ دەرياسى، ئېرغۇنا دەرياسى ۋە تاشقى ھىنگان تېغىدىن شەرقتە دېڭىزغىچە بولغان جايلار پاسىل بولىدۇ، دەريا ۋە تاغنىڭ شىمالى روسىيىگە، جەنۇبى جۇڭگوغا تەۋە بولىدۇ؛ ياكسادىكى تاجاۋۇزچىلىق تايانچ نۇقتىلىرى بۇزۇۋېتىلىدۇ؛ جۇڭگو دائىرىسىدىكى روسىيە پۇقرالىرى، روسىيە دائىرىسىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى يەنىلا ئەسلىدىكى جايىدا تۇرۇۋېرىدۇ، قايتۇرۇۋېتىلمەيدۇ؛ ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىدىن پاسپورتى بارلارنىڭ سودا ئالاقىسى قىلىشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. جۇڭگو - روسىيە نېۋچىنسكىي شەرتنامىسى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، شەرتنامىدە خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋە ئۇسسۇرى دەرياسى ۋادىسىدىكى ساخالىن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇڭگو زېمىنى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شەرتنامە روسىيىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىپ كېڭىيىشىنى چەكلىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر