UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرچىن دېچۈن - تۇ فېييۈەن كېلىشىمى

چىن دېچۈن - تۇ فېييۈەن كېلىشىمى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر 1935- يىلى6 - ئايدا جۇڭگونىڭ چاخار ئۆلكىسى جياڭبېي رايونىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ خەرىتە سىزىۋاتقان تۆت ياپون ئىشپىيونى جياڭبېي رايونىدا تۇرۇشلۇق29 - جۈن تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىندى.29 - جۈننىڭ جۈنجاڭى، چاخار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى سۇڭ جېيۈەن ماجىرادىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى. بىراق، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى جۇڭگو ئارمىيىسى ياپونىيە ئەسكەرلىرىنى ھاقارەتلىدى دەپ تۇرۇۋېلىپ،29 - جۈننىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى چىن دېچۈنگە «بۇ ۋەقەگە بىۋاسىتە مەسئۇل ئادەمنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش» تەلىپىنى قويدى. ئارقىدىنلا ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى تۇ فېييۈەننى چىن دېچۈن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتتى ھەمدە قوشۇن يۆتكەپ چاخار ئۆلكىسىنىڭ چېگرىسىدىكى جايلارنى بېسىۋالدى ۋە ئايروپىلان ئارقىلىق بېيپىڭ ئاسمىنىدا پوپوزا قىلدى.6 - ئاينىڭ27 - كۈنى چىن دېچۈن تۇ فېييۈەن بىلەن بېيپىڭدا «چىن دېچۈن - تۇ فېييۈەن كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. «چېن دېچۈن - تۇ فېييۈەن كېلىشىمى» دە، جۇڭگو ياپونىيىدىن كەچۈرۈم سوراش، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ چاخار ئۆلكىسىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇش؛ چاخار ئۆلكىسىدىكى گومىنداڭ پىرقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ شەرقىي چاخارنى قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون قىلىش،29 - جۈننى چېكىندۈرۈش؛ چاخار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى سۇڭ جۈەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش بەلگىلەندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى چاخار ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا زور كۆلەمدە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى ئۈچۈن ئىشىك ئېچىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
چىن دېچۈن - تۇ فېييۈەن كېلىشىمى | UyghurWiki | UyghurWiki