UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرجيادىڭ كېلىشىمى

جيادىڭ كېلىشىمى

جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر «جيادىڭ» جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى سۇڭ نىڭزۇڭ − جاۋ كۇنىڭ يىلنامى. سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا جيادىڭنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە1208 - يىلى) «جيادىڭ كېلىشىمى» ئىمزالاندى، بۇ «شاۋشىڭ كېلىشىمى» دىن كېيىن جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يەنە بىر ھاقارەتلىك سۈلھى شەرتنامە. سۇڭ نىڭزۇڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەتىۋارلىق ۋەزىر خەن تۇجۇ سۇڭ نىڭزۇڭنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچسىگە ئىگە بولۇۋېلىپ، لەشكىرىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا، جىن خانىدانلىقىنىڭ شىمالىي چېگرىسى موڭغۇللارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان، جەنۇبتا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن تىركىشىۋاتقان ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇراتتى. خەن تۇجۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالغا يۈرۈش قىلماقچى بولدى، شۇڭلاشقا، ئۇ يۆ فېيگە ئې (خۇبېي) بېگى مەرتىۋىسىنى بېرىپ، شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىش توغرىسىدا ھە دەپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلدى ھەمدە ھەربىي ئىشلارغا مەخپىي تەييارلىق قىلدى. كەيشىنىڭ2 - يىلى (مىلادىيە1206 - يىلى) خەن تۇجۇ لەشكەر تارتىپ شىمالغا رەسمىي يۈرۈش قىلدى. بىراق، سۇڭ سۇلالىسى سانغۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆت، قابىلىيەتسىز بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربىي سەپكە ئەۋەتىلگەن سانغۇنلار جىن سۇلالىسىنىڭ جاسۇسلىرى بولغانلىقى، شەرقىي سەپكە ئەۋەتىلگەنلىرى يارىشىش تەرەپدارى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، جەڭ باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارمار بولدى. كەيشى يىلىدىكى شىمالغا يۈرۈش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يارىشىش تەرەپدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇتراشقا باشلىدى، خەن تۇجۇ قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، كۈندىن - كۈنگە يېتىم قالدى. مىلادىيە1207 - يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى كەيفېڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، جىن خانىدانلىقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جىن خانىدانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىر قاتار ھاقارەتلىك سۈلھى شەرتلىرىنى، يەنى ناۋادا سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى ئۆزىنى جىن خانىدانلىقىنىڭ بېقىندىسى دەپ ئاتىسا، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرىسى چاڭجياڭ، خۇەيخې دەريالىرىنى پاسىل قىلىپ ئايرىلىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى بالا پادىشاھ دەپ ئاتىسا، چاڭجياڭ دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئايرىلىدۇ، دېگەن شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى يەنە خەن تۇجۇنىڭ كاللىسىنى تەقدىم قىلىشى، يىللىق ياساقنى كۆپەيتىشى ھەمدە زور مىقداردا كۈمۈش تۆلەپ جىن لەشكەرلىرىدىن ھال سورىشى كېرەك ئىدى. بۇنى ئاڭلىغان خەن تۇجۇ دەرغەزەپكە كېلىپ يەنە بىر مەرتەم لەشكەر تارتىپ، جىن قوشۇنلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ جىددىي لەشكىرىي ئىشلار پىلانى تۈزۈۋاتقاندا، يارىشىش تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن خۇپىيانە ئۆلتۈرۈلدى. يارىشىش تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى ساندۇققا قاچىلاپ جىن خانىدانلىقىغا ئەۋەتىپ بېرىپ، گۇناھىنى تىلەپ يارىشىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە جىن خانىدانلىقىنىڭ ئېغىر شەرتلىرىگە بىنائەن جيادىڭ سۈلھى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. سۈلھى شەرتنامىدە: سۇڭ پادىشاھى جىن پادىشاھىنى تاغا دەپ ئاتايدۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جىن خانىدانلىقىغا ھەر يىلى300 مىڭ سەر كۈمۈش،300 مىڭ توپ يىپەك تۆلەيدۇ، سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسىنىڭ چېگرىسى شاۋشىڭ كېلىشىمىدىكىگە ئوخشاش بولىدۇ، جىن خانىدانلىقى يېڭىدىن ئىگىلىۋالغان داسەنگۇەن، خاۋجۇ قاتارلىق زېمىنلاردىن ۋاز كېچىدۇ؛ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جىن سۇلالىسىگە3 مىليون سەر كۈمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر