بېيجىڭ شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
«بېيجىڭ شەرتنامىسى» چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان ئۈچ تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىنى كۆرسىتىدۇ.1860
- يىلى10 - ئايدا ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھە دەپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ، يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئالدىراپ - تېنەپ گۇڭچىنۋاڭ يى شىننى خان مۇپەتتىشى قىلىپ تەيىنلەپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ئەۋەتتى. يى شىن روسىيە كونسۇلىنىڭ «ياراشتۇرۇشى» نى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئېلگىن، فرانسىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى گروسلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا «جۇڭگو - ئەنگلىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى» ۋە «جۇڭگو - فرانسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى شەرتنامىدە «تيەنجىن شەرتنامىسى» نى پۈتۈنلەي كۈچكە ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلىنغاندىن سىرت يەنە تيەنجىننى سودا شەھىرى قىلىپ كۆپەيتىپ ئېچىپ بېرىش، جۇڭگولۇقلارنى چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىشقا يول قويۇش؛ جيۇلۇڭسىنى ئەنگلىيىگە كېسىپ بېرىش؛ ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ھەربىرىگە8 مىليون سەردىن ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش؛ ئەنگلىيىگە500 مىڭ سەر، فرانسىيىگە200 مىڭ سەر كۈمۈش نەپىقە پۇلى بېرىش بەلگىلەندى. چارروسىيە ئۇرۇشتا «ياراشتۇرۇش» تا تۆھپىسى بارلىقىنى باھانە قىلىپ11 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن «جۇڭگو - روسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى400 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر جۇڭگو زېمىنىنى بېسىۋالدى، يەنە تېخى شىنجاڭدىكى قەشقەرنى سودا شەھىرى قىلىپ ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ تايانچ پونكىتى قىلماقچى بولدى.
«بېيجىڭ شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەكسىيەتچى كۈچلىرى تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگو تۇپرىقىدا خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشقا باشلىدى.