دېڭىز ئارمىيىسى
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي پاراخوت قىسىملىرى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان، دېڭىز - ئوكيانلاردا جەڭ قىلىدىغان ئارمىيە تۈرى.1950 - يىل4 - ئاينىڭ14 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى رەھبىرىي ئورگىنى قۇرۇلدى، شەرقىي، جەنۇبىي ۋە شىمالىي دېڭىز فلوتلىرى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلدى. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى سۇ ئاستى كېمىلىرى قىسمى، سۇ ئۈستى كېمە - قېيىق قىسمى، دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قىرغاق مۇداپىئە قىسمى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان. سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىزدا مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ.
سۇ ئاستى كېمىلىرى قىسىمىغا ئادەتتىكى ئېنېرگىيە ۋە يادرو ئېنېرگىيىسىگە ئىگە تورپېدا بىلەن قوراللانغان سۇ ئاستى كېمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قوراللانغان سۇ ئاستى كېمىسى سەپلەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۈشمەننىڭ ترانسپورت پاراخوتى بىلەن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى يوقىتىش، دۈشمەننىڭ بازىسى ۋە پورتىنى، قىرغاقتىكى مۇھىم نىشانلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش، رازۋېدكا قىلىش، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى تۇرۇش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، ماددىي ئەشيا ۋە خادىملارنى توشۇشتىن ئىبارەت.
سۇ ئۈستى كېمە - قېيىق قىسىملىرى جەڭ قىلغۇچى كېمە - قېيىق قىسىملىرى بىلەن لاۋازىم كېمە - قېيىق قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۈشمەن كېمە ۋە پاراخوتلىرىنى يوقىتىش، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش، دۈشمەننىڭ قىرغاقتىكى نىشانلىرىنى ۋەيران قىلىش، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملارنى توشۇش، دېڭىزدا رازۋېدكا قىلىش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، قاراۋۇللۇق قىلىش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھاپىزەت قىلىش، قۇتقۇزۇش، خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتىن ئىبارەت.
دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى بومباردىمانچى ئايروپىلان، قىرغۇچى ئايروپىلان، زەربىدار ئايروپىلان، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى ئايروپىلان، رازۋېدكا ئايروپىلانى، ترانسپورت ئايروپىلانى قىسىملىرى بىلەن زېنىت توپ، رادار، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دۈشمەننىڭ كېمە ۋە پاراخوتلىرىنى يوقىتىش، دۈشمەننىڭ بازىسى، پورتى ۋە قىرغاقتىكى مۇھىم نىشانلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش، دېڭىز بويىدىكى مۇھىم جايلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە قاتنىشىش، دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن ماسلىشىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دېڭىز يۈزىدە رازۋېدكا قىلىش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى تۇرۇش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، مىنا تازىلاش، ئالاقىلىشىش، يېتەكلەش، قۇتقۇزۇش، خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتىن ئىبارەت.
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار قۇرۇقلۇققا چىقىش قورالى، قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا ماس كېلىدىغان قوراللار ۋە تېخنىكىلىق سايمانلار بىلەن قوراللانغان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇستەقىل ياكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىگە ماسلىشىپ قۇرۇقلۇققا چىقىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىش ئورنى ۋە مەيدانىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارقىدىكى ئېشىلونلارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
قىرغاق مۇداپىئە قىسىملىرى دېڭىز قىرغىقى زەمبىرەك قىسمى ۋە دېڭىز قىرغىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بازا، پورت ۋە دېڭىز بويىدىكى مۇھىم جايلارنى قوغداش، دۈشمەن پاراخوتىنى يوقىتىش، قىرغاققا يېقىن قاتناش لىنىيىسىنى قوغداش، سۇ يولىنى قامال قىلىش، دېڭىز بويى رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پاراخوتلارغا، دېڭىز قىرغىقى، ئاراللاردىكى مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.