UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارتوپچى قىسىم

توپچى قىسىم

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار توپچى قىسىم قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مۇھىم جەڭ قىلغۇچى قىسىم تۈرى. ئۇنىڭ ئوت كۈچى زور، ئوق تېگىش ئارىلىقى يىراق، ئېتىش دەللىكى ۋە ھەرىكەتچانلىق ئىقتىدارى يۇقىرى، ئۇ ئوت كۈچىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۈشمەننىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى نىشانلىرىغا شىددەتلىك زەربە بېرەلىگەچكە، «ئۇرۇش ئىلاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. توپچى قىسىم قۇرۇقلۇق زەمبىرەكچىلىرى، زېنىت زەمبىرەكچىلەر ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان. قۇرۇقلۇقتىكى ۋە سۇ ئۈستىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغان قۇرۇقلۇق زەمبىرەكچىلىرىگە كاننون زەمبىرىكى، مىناميوت، گاۋبىتسا زەمبىرىكى، كاتيۇشا ۋە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن. قۇرۇقلۇقتا تۇرۇپ ھاۋا بوشلۇقىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغان زېنىت زەمبىرەكچىلىرىگە ھەر خىل كالىبىرلىق زېنىت توپ، زېنىت پىلىموت ۋە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن. زېنىت زەمبىرەكچىلىرىنىڭ ئېتىش ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىچە:37 م م لىق زېنىت توپ دۈشمەننىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقان ئايروپىلانىغا؛57 م م لىق زېنىت توپ دۈشمەننىڭ ئوتتۇرا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقان ئايروپىلانىغا؛85 ،100 م م لىق زېنىت توپ دۈشمەننىڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقان ئايروپىلانىغا زەربە بېرىدۇ؛ تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دۈشمەننىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقان ئايروپىلانىغا زەربە بېرىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى توپچى قىسىمى ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى توپچى قىسىم قوماندانلىق شتابى1950 - يىلى8 - ئايدا قۇرۇلدى. ھازىر، توپچى قىسىم مۇھىم جەڭ قىلغۇچى قىسىم تۈرىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، غايەت زور قۇدرەتكە ئىگە يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قورالى بولسىمۇ، لېكىن توپچى قىسىم يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئوينىيالمايدىغان مۇھىم رولنى ئوينىماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
توپچى قىسىم | UyghurWiki | UyghurWiki