UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم

ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم (ساپيور قىسىمى) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشلار بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم تۈرى. ئۇ ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان.1951 - يىلى3 - ئايدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ساپيور قىسىمى قوماندانلىق شتابى رەسمىي قۇرۇلدى.1955 - يىلى ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم (ساپيور قىسىمى) دەپ ئاتالدى. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا «ئېگىز تاغدىن يول ئېلىپ، دەرياغا كۆۋرۈك سېلىپ»، «يول ئېچىش ئاۋانگارتلىرى» دەپ تەرىپلەنگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ساپيور قىسىمى ھازىر قول مەشغۇلاتىغا خاتىمە بېرىپ، ماشىنىلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ھازىر ساپيور قىسىملىرى ساپيور، كېمە كۆۋرۈك، ئىستىھكام قۇرۇش قىسىملىرى ۋە نىقابلانغان قىسىم قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى. دالىدا قۇرۇلۇش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ساپيور قىسىم − بۈگۈنكى كۈندە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاكتىپ ئارقىلىق دۈشمەن تانكىسىنى توسالايدۇ، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاكتىپ ئاپتوموبىلى بىلەن قوشۇنىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېزدىن يول ئېچىپ بېرەلەيدۇ. دەريا توسالغۇسىنى يېڭىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم − كېمە كۆۋرۈك سالغۇچى قىسىمغا پويىزنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالاھىدە كۆۋرۈك، جىلغىلاردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ھەربىي ئاسما كۆۋرۈك، مۇز دەرياسىدىن ئۆتۈشكە بولىدىغان مۇز ئۈستى كۆۋرۈك، سۇ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان سۇ ئاستى كۆۋرۈك سەپلەنگەن. ئۇزاق ۋاقىتقا مۆلچەرلەنگەن ئىستىھكام ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي قىسىم − سېپىل قۇرۇش قىسىمىغا سەپلەنگەن قېزىش ماشىنىسى (ئېكسكاۋاتور) نىڭ قېزىپ كىرىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، بىر سائەتتە چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى130 مېتىر كېلىدىغان ئاكوپ قازالايدۇ، بۇ165 ئەسكەرنىڭ مەشغۇلاتىغا باراۋەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا تۈرتكۈچ ماشىنىسى، قاچىلاش ماشىنىسى، يول تۈزلەش ماشىنىسى، ئۆزى تۆكىدىغان ماشىنا ماسلىشىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ،10 مىنۇت ئىچىدە800 مېتىردىن1000 مېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا يول ياسىيالايدۇ. جەڭ مەيدانىدىكى سېھىرگەر دەپ تەرىپلەنگەن نىقابلانغان قىسىم تەبىئىي نىقابلاش، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن نىقابلاش، ئالا - بۇلىماچ نىقابلاش، چىراغ نۇرى بىلەن نىقابلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ ساختىلىق بىلەن دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار