UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارخەلق ئەسكەرلىرى

خەلق ئەسكەرلىرى

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلمايدىغان ئاممىۋى ھەربىي تەشكىلات، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى ۋە قۇدرەتلىك زاپاس كۈچى. ئۇزاق جەڭگىۋار تارىخقا ئىگە جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىنقىلاب يىللىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق ئەسكەرلىرى تۈزۈمى ھەربىي تۈزۈم قاتارىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەسكەرلىرى خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىزمنى قوغداش ۋە قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز خەلق ئەسكەرلىرى پىيادە ئەسكەرلەردىن كۆپ قىسىم تۈرى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جايلاردا ۋە چوڭ - ئوتتۇرا شەھەرلەردە قۇرۇقلۇق توپچى، زېنىت توپ، ساپيور، ئالاقە، رازۋېدكا، خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تانكىغا قارشى تۇرۇش خەلق ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترەتلىرى قۇرۇلدى. خەلق ئەسكەرلىرى كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچىسىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى» دا: يېزا، مىللىي يېزا، كەنت، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى تايانچ خەلق ئەسكىرى، ئادەتتىكى خەلق ئەسكىرى دەپ ئايرىلىدۇ. خەلق ئەسكىرى سېپىگە18 ياشتىن يۇقىرى،35 ياشتىن تۆۋەن، تايانچ خەلق ئەسكىرى سېپىگە18 ياشتىن يۇقىرى،28 ياشتىن تۆۋەن ياشلار قاتنىشىدۇ. خەلق ئەسكىرى كادىرلىقىغا ئىدىيە ئەھۋالى ياخشى، تېنى ساغلام، يېشى بىرقەدەر كىچىك، مۇئەييەن مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ھەربىي، سىياسىي ساپاغا ئىگە، خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان خادىملار تەيىنلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئورۇنداش؛ ئۇرۇش تەييارلىقى لاۋازىمى، چېگرىنى، ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداش؛ ھەربىي سەپكە، ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
خەلق ئەسكەرلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki