جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچى، ئۇ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلق ئارمىيىسى. ئۇ1927 - يىل8 - ئاينىڭ1 - كۈنى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا مەيدانغا كەلگەن.1927
- يىلى9 - ئايدا ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق يولداشلار خۇنەن، جياڭشى چېگرا رايونىدىكى دېھقانلار ۋە ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۈزلۈك ھوسۇل قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، تۇنجى ئىشچى - دېھقان ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. باشقا جايلاردىكى قوزغىلاڭلاردىمۇ ئىشچى - دېھقان قوراللىق كۈچلىرى تەشكىللەندى.1928 - يىلى4 - ئايدا نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا ساقلاپ قېلىنغان قوشۇنلار بىلەن شياڭنەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان دېھقانلار قوشۇنى جۇ دې، چېن يى قاتارلىق يولداشلارنىڭ باشچىلىقىدا جىڭگاڭشەنگە كەلدى، مانا بۇ مەشھۇر «جىڭگاڭشەندىكى ئۇچرىشىش» تۇر. قوزغىلاڭچى قوشۇن بىرلىككە كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ4 - ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللەندى. جايلاردىكى قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ نامى1928 - يىلى5 - ئايدىن كېيىن جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسىگە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن8 - ئارمىيە ۋە يېڭى4 - ئارمىيىگە، ئازادلىق ئۇرۇشىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جەڭ قىلغۇچى ئەترەت، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دېموكراتىيىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېرلار بىلەن ئەسكەرلەر بىردەك بولۇش، ھەربىيلەر بىلەن خەلق بىردەك بولۇش ۋە دۈشمەننى يىمىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەتكە بويسۇنۇپ، جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشاشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ھازىر، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئارمىيىدىن تەشكىللەنگەن، كۆپ قىسىم تۈردىن تەركىب تاپقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئالماقتا.