UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى

ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار ھەربىي ئۇنۋان خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە زاپاس ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپىسى، ھەربىي جەھەتتە تەربىيىلىنىش، ستاژى ۋە نەتىجىسىنىڭ بەلگىسى. ئۇ ئوفىتسېر، ئەسكەرلەرنىڭ دەرىجىسىنى كىيىمىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بۇ ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاراشلىق مۇناسىۋەتنى بەلگىلەش، توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشقا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى ئوفىتسېرلار ئۇنۋانى ۋە ئەسكەرلەر ئۇنۋانىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئوفىتسېرلار ئۇنۋانى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ئۇنۋانى بىلەن كەسپىي تېخنىكا ئوفىتسېرلىرى ئۇنۋانىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ئۇنۋانى ئۈچ دەرىجە،11 تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار1 - دەرىجىلىك گېنېرال پولكوۋنىك، گېنېرال پولكوۋنىك، گېنېرال لېيتېنانت (جۇڭجياڭ)، گېنېرال مايور (شياۋجياڭ)؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار (شياۋگۇەن) ستارشى پولكوۋنىك، پولكوۋنىك، پود پولكوۋنىك، مايور؛ تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ستارشى لېيتېنانت، لېيتېنانت، مىلادشى لېيتېنانت دەپ ئايرىلىدۇ. كەسپىي تېخنىكا ئوفىتسېرلىرى گېنېرال لېيتېنانت، گېنېرال مايور، ستارشى پولكوۋنىك، پولكوۋنىك، پود پولكوۋنىك، مايور، ستارشى لېيتېنانت، لېيتېنانت، مىلادشى لېيتېنانت دەپ ئايرىلىدۇ. ئەسكەرلەر ئۇنۋانى ئىككى دەرىجە، يەتتە تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پىدائىي ئەسكەرلىك تۈزۈمىدىكى ئەسكەرلەر جۈنشىجاڭ، كەسپىي جۈنشى، دەپ ئىككى تۈرگە؛ مەجبۇرىيەت ئەسكەرلىك تۈزۈمىدىكى ئەسكەرلەر ستارشى سېرژانت، سېرژانت، مىلادشى سېرژانت، ئېفرېيتور، رادوۋوي دەپ بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ. قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قاپلىما پاگونىنىڭ رەڭگى يېشىل، دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قاپلىما پاگونىنىڭ رەڭگى قارا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار