UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملاربرونە قىسىم

برونە قىسىم

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار برونە قىسىم تانكا ۋە باشقا برونىلىك جەڭ ماشىنىسى بىلەن جابدۇنغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىم تۈرى. ئۇ تانكا قىسىمى ۋە برونىلىك پىيادە ئەسكەرلەر قىسىمىدىن تەشكىللەنگەن. تېز، شىددەتلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە برونە قىسىم يادرو قوراللىرى ۋە باشقا ئوت كۈچىدىن پايدىلىنىپ زەربىدارلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايدۇ، ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى مۇھىم زەربىدار كۈچ ھېسابلىنىدۇ. برونە قىسىم ئادەتتە ئارىلاش ئارمىيە ئىچىدە ھەرىكەتچان جەڭ قىلىدۇ. ھۇجۇم داۋامىدا پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ دۈشمەننىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مۇداپىئە كۆرۈۋاتقان دۈشمەننى يوقىتىدۇ، دۈشمەننىڭ يان ئارقا تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ، يېرىپ كىرىپ دۈشمەن كۈچىنى بۆلۈپ، پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ دۈشمەننى بىر - بىرلەپ يوقىتىدۇ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش، مۇھاسىرىنى يېرىپ ئۆتۈشكە ياردەم بەرمەكچى بولغان دۈشمەننى يوقىتىدۇ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ. مۇداپىئە كۆرگەندە، مۇداپىئە سېپىمىزگە ئىچكىرىلەپ تۇيۇقسىز كىرگەن دۈشمەنگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ، پاراشۇت بىلەن سەكرىگەن، ئايروپىلاندىن سەكرىگەن ۋە قۇرۇقلۇققا چىققان دۈشمەننى يوقىتىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى برونە قىسىمى دۈشمەننىڭ قوراللىرىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان.1950 - يىلى9 - ئايدا، برونە قىسىم رەھبەرلىك ئورگىنى رەسمىي قۇرۇلدى. برونە قىسىملارغا60 - يىللاردىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھەر خىل تانكا ۋە برونىلىك ئاپتوموبىللار سەپلەپ بېرىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار