UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارئوردېن بېرىش تۈزۈمى

ئوردېن بېرىش تۈزۈمى

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار ئوردېن دۆلەتنىڭ تۆھپىكارلارغا بېرىدىغان ئالىي مۇكاپاتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە1 -،2 -،3 - دەرىجىلىك دەپ ئايرىلىدىغان،1 - ئاۋغۇست ئوردېنى، مۇستەقىللىق - ئەركىنلىك ئوردېنى ۋە ئازادلىق ئوردېنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوردېن بەرگەن.1 - ئاۋغۇست ئوردېنى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە ئىنقىلابقا ئىزچىل قاتنىشىپ، زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەنلەرگە؛ مۇستەقىللىق - ئەركىنلىك ئوردېنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە؛ ئازادلىق ئوردېنى ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە بېرىلگەن.1988 - يىلى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «ئارمىيىدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارغا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئوردېنى بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» دە، ئوردېننىڭ تۈرى، مەنىسى، ئوردېن بېرىش شەرتى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئوردېن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قىزىل يۇلتۇز ئوردېنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مۇستەقىللىق ئوردېنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى غالىبىيەت ئوردېنى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. قىزىل يۇلتۇز بىلەن ئۇچقۇننىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بىرىنچى خىلدىكى ئوردېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئوتىنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقانلىقى؛ سەددىچىن سېپىلىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئىككىنچى خىلدىكى ئوردېن جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلغانلىقى؛ تيەنئەنمېن بىلەن بايراقلارنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئۈچىنچى خىلدىكى ئوردېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
ئوردېن بېرىش تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki