UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارمۈلكىي كادىرلار

مۈلكىي كادىرلار

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى يېڭى ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، مۈلكىي كادىرلار تۈزۈمىنىمۇ يولغا قويدى. مۈلكىي كادىرلار ھەربىي ئۇنۋان تاقىمايدىغان بولغاچقا، ھەربىي ئۇنۋان تاقىمايدىغان ھەربىيلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۈلكىي كادىرلار بىلەن ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلارنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىگە قاراپ يۇقىرى دەرىجىلىك، تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ۋەزىپىسى يۇقىرى مۈلكىي كادىر ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلارغىمۇ رەھبەرلىك قىلالايدۇ. مۈلكىي كادىرلار ئادەتتە رەھبىرىي ئورگانلارنىڭ كەسپىي تارماقلىرىغا سەپلىنىدۇ. مۈلكىي كادىرلار ئاساسلىق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: بىرى، پەن تەتقىقات، تېخنولوگىيە، سەھىيە، مەكتەپ، ئاخبارات، نەشرىيات، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئورۇنلىرىدىكى قىسمەن كەسپىي تېخنىكا كادىرلىرى، يەنە بىرى، ئورگانلاردا، مەكتەپلەردە مەمۇرىي ئىشلار ۋە تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۈلكىي كادىرلار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار