UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى

ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار «ئۇرۇش ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن توپچى قىسىمدىنمۇ زور قۇدرەتكە ئىگە ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى «ئۇرۇش ئىلاھىⅡ» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان (قىسقا، ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان) ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىمى، ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم، كەسپىي تېخنىكا كاپالەتلەندۈرۈش قىسىمى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى يادرو تەھدىتى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۈشمەننىڭ جۇڭگوغا قوزغاش ئېھتىمالى بولغان يادرو ئۇرۇشىنى توسۇش، جۇڭگونىڭ تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئادەتتىكى ئۇرۇش ۋە يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى توسۇش، جۇڭگو دۈشمەننىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، يادرو قايتۇرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا زەربە بېرىش، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك زەربىدارلىق كۈچىنى ئاجىزلىتىش. جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى ئۆتكۈر قوراللار بىلەن قوراللانغان يېڭى تىپتىكى قىسىم تۈرى بولۇپ،20 نەچچە يىل جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، مۇنتىزىم مەشىقنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى، ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قىسىمنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي جەڭ قىلىش ۋە پۈتۈن گەۋدىلىك جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى خىلمۇخىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن مۇئەييەن جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن ئىستراتېگىيىلىك قوراللىق كۈچ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى | UyghurWiki | UyghurWiki