UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارھاۋا دېسانتلىرى

ھاۋا دېسانتلىرى

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار ھازىرقى زامان ھاۋا دېسانتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن رىۋايەتلەردىكى «ئەرش سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى» رېئاللىققا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۇرۇشتىكى رولى ئۆزگىچە. ھاۋا دېسانتلىرى دېڭىز - ئوكيانلاردىن ھالقىپ، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىم قۇرۇقلۇقتا بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يېتىپ كېلىپ، مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلەپ، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىمنىڭ قۇرۇقلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ياردەم بەرگۈچى دۈشمەن قىسىملىرىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھاۋا دېسانتلىرى ئۇرۇشتا دۈشمەن ئارمىيىسى ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى بولغاندا دەرھال دۈشمەن ئارقا سېپىگە كېلىپ، كۆۋرۈك، كېچىك قاتارلىق قاتناش يوللىرىنى ئىگىلەپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنى ئامالسىز ئىچىدە ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىشكە قىستايدۇ. دۈشمەن ئارمىيىسى چېكىنمەكچى بولغانلىقى بايقالغاندا قوماندان ھاۋا دېسانتلىرىنى دۈشمەننىڭ چېكىنىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ. ھاۋا دېسانتلىرى يەنە دۈشمەن ئارقا سېپىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ مۇھىم ئەسلىھە ۋە نىشانلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، مۇھاسىرىدە قالغان قىسىمغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھاۋا دېسانتلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن يەر يۈزىگە چۈشۈش شەكلى پاراشۇت بىلەن چۈشۈش ۋە ئايروپىلاندىن تاشلاش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. پاراشۇت بىلەن چۈشۈش خادىم، قورال - جابدۇق ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئايروپىلاندا پاراشۇت بىلەن يەرگە چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئايروپىلاندىن تاشلاش خادىم، قورال - جابدۇق ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئايروپىلاندىن يەرگە بىۋاسىتە چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئايروپىلاندىن بىۋاسىتە چۈشۈش ھەرىكىتىدە ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش، قوماندانلىق قىلىش، دەرھال جەڭگە ئاتلىنىش قۇلايلىق بولىدۇ، بۇنىڭدا ھەرىكەتچانلىق يۇقىرى بولغاچقا، ھالقىلىق پەيتتە ۋە يۈنۈلۈشتە ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەننى مۇھاسىرىگە ئالغىلى بولىدۇ. كەڭ كۆلەملىك ھاۋا دېسانتلار جېڭى پاراشۇت بىلەن چۈشۈش ۋە ئايروپىلاندىن تاشلاش بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار