UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارھاۋا ئارمىيىسى

ھاۋا ئارمىيىسى

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار ھاۋا ئارمىيىسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى دۆلەت زېمىنىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئارمىيە تۈرى.1949 - يىل11 - ئاينىڭ11 - كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى. ئۇ ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرى، زېنىت توپچىلار، يەر - ئاسمان باشقۇرۇلغۇچى سىنارەد قىسىملىرى، رادار قىسىم، ئالاقىچى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئاۋىئاتسىيە قىسىمى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى بولۇپ، قىرغۇچى ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، بومباردىمانچى ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، زەربىدار ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، رازۋېدكا ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، ترانسپورت ئاۋىئاتسىيە قىسىمى ۋە باشقا كەسپىي ئاۋىئاتسىيە قىسمى دەپ ئايرىلىدۇ. ھاۋا ئارمىيىسى يەر - ئاسمان باشقۇرۇلغۇچى سىنارەد قىسىملىرى دۆلەت زېمىنىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە جېڭىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئېتىش دەللىكى، ھەرىكەتچانلىقى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇ كېچە - كۈندۈز مۇرەككەپ كىلىمات شارائىتىدا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدۇ. ھاۋا ئارمىيە زېنىت توپچى قىسىمى ھاۋا مۇداپىئە جېڭىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق قىسىم تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇھىم جايلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش جېڭىگە قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھاۋا ئارمىيە رادار قىسىمى ھاۋا بوشلۇقىنى رازۋېدكا قىلىش ۋە بوشلۇقتا يېتەكلەشنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، ھەر خىل ھاۋا رايى شارائىتىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەھۋاللارنى بايقاش، ئىگىلەش ۋە دوكلات قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھاۋا ئارمىيىسى ھەربىي رايون ھاۋا ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيە كورپۇسى، ئاۋىئاتسىيە دىۋىزىيىسى، ئاۋىئاتسىيە تۇەنى (پولكى) ۋە ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتى، ئۇچقۇچىلار ئوتتۇرا ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
ھاۋا ئارمىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki