دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىسىم تۈرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان جەڭگە ياردەم بېرىش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت زېمىنىنىڭ بىخەتەرلىكى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش.
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچىلار، برونىلىك پىيادە ئەسكەرلەر، برونە قىسىم، تانكىچى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىمى، ئالاقىچى قىسىم قاتارلىق سەككىز كەسپىي قىسىم تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ھەرىكەتچانلىق ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى.
قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمدا يۇقىرى ھەربىي ماھارەت ئىگىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ خىلمۇخىل تاكتىكا ھەرىكەتلىرىنى ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى چېلىشىش، ئاپتوموبىل ھەيدەش، قورال ئىشلىتىش، ھاۋا بوشلۇقىدا يۆنىلىش ۋە يەر شەكلى توغرىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش، پاراشوت بىلەن سەكرەش، قۇرۇقلۇققا چىقىش، سۇغا شۇڭغۇش، سۇدىن قوراللىق كېچىپ ئۆتۈش، قېيىق - كېمىلەرنى ھەيدەش ماھارەتلىرىنىمۇ ئىگىلىشى كېرەك.
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتىگە سەپلەنگەن سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان تانكا، يېڭى تىپتىكى برونېۋىك، زەربىدارلىق بىلەن قۇرۇقلۇققا چىققۇچى چوڭ ۋە كىچىك تىپتىكى ھەربىي پاراخوت - قېيىقلار، يېنىك تىپتىكى پىيادىلەر زەمبىرىكى، ئوت پۈركۈگۈچ، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، يېڭى تىپتىكى يېنىك قوراللار ئۇلارنىڭ زەربىدارلىق كۈچىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ.