ئارمىيە بايرىقى
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
ئارمىيە بايرىقى − بىر دۆلەت قوراللىق كۈچىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا ھەربىيلەرنىڭ شان - شۆھرىتىنىڭ سىمۋولى ۋە ئىدىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان چاغلاردا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى جەڭ مەيدانلىرىدا ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ ئەسكەرلەر ئارمىيە بايرىقىنىڭ قوماندانلىقىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. سېپىل راۋاقلىرى، تاغ چوققىلىرى ۋە باشقا ئېگىزلىكلەرگە قادالغان ئارمىيە بايرىقى غەلىبە ۋە كۈچنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى1949 - يىل6 - ئاينىڭ15 - كۈنى بارلىققا كەلگەن. بايراقنىڭ تېگى قىزىل رەڭلىك بولۇپ، يۇقىرىقى سول تەرىپىگە سېرىق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن «一八» دېگەن خەنزۇچە خەتنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن، ئارمىيە بايرىقى پولك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەڭ قىلغۇچى قىسىملارغا سەپلىنىدۇ. ئارمىيە بايرىقى بايراق ئۇچى، بايراق ئۇزۇنلۇقى، بايراق سېپى، بايراق چۇچىسى (بايراق لېنتىسى) دىن ئىبارەت تۆت ئالاھىدە بەلگىدىن تەركىب تاپىدۇ.
ھازىرقى زامان ئارمىيە بايرىقى خىلمۇخىل، مەسىلەن، دۆلەت قوراللىق قىسىم بايرىقى، مۇستەقىل ئارمىيە - قىسىم تۈرى بايرىقى، دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتى بايرىقى بىلەن ياردەمچى كېمە بايرىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسىم سېپىنىڭ ئالدىدا ئارمىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈش شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىسىگە ئالىدىغان بايراقچى ئادەتتە تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ياكى ئەسكەرلەردىن تەيىنلىنىدۇ. بايراقچىنىڭ ئارمىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئىككى ياردەمچى بايراقچى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئارمىيە بايرىقى ۋىزۋوتى قۇرۇلىدۇ.
ئارمىيە بايرىقىنى ۋە ئارمىيە بايرىقىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش − ھەربىيلەرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئارمىيە بايرىقىنى يىتتۈرۈپ قويغانلار جازالىنىدۇ، جەڭ مەيدانىدا ئارمىيە بايرىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش تەكىتلىنىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا قۇربانلىق بېرىلسىمۇ، بايراقنى دۈشمەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ بايرىقىنى قولغا چۈشۈرگەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.