قۇرۇقلۇق ئارمىيە
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
قۇرۇقلۇق ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئارمىيە تۈرى. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، بەلكى دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى1927 - يىلى قۇرۇلغاندا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىنلا تەركىب تاپقانىدى. يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، توپچى، ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى ۋە ئالاقىچى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، توپ، تانكا، تۆمۈريول ئەسكەرلىرى دىۋىزىيىلىرى ۋە ئالاقىچى، ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى، خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئە كۆرگۈچى قىسىملىرى، شۆبە ئەترەتلىرى ھەمدە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان قوماندانلىق ئورگىنىدىن تەركىب تاپتى.
جۈن (كورپۇس)، شى (دىۋىزىيە)، لۈ (برىگادا)، تۇەن (پولك)، يىڭ (باتاليون)، ليەن (روتا)، پەي (ۋىزۋود) ۋە بەندىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كۆپ قىسىم تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئارمىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ.