UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملارقوراللىق ساقچى قىسىم

قوراللىق ساقچى قىسىم

جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ئىچكى مۇھاپىزەت قوراللىق ساقچى قىسىمى، چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى قىسىمى، ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىمى، ئوت ئۆچۈرۈش قوراللىق ساقچى قىسىمىدىن، شۇنداقلا باش شتاب، باش ئەترەت، تارماق ئەترەت، چوڭ ئەترەت ۋە ئوتتۇرا ئەترەتتىن تەشكىللەنگەن. قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە نوپۇزى، جەمئىيەت ئامانلىقى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرىي ئورگانلىرىنى، مۇھىم نىشانلارنى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت. قوراللىق ساقچى قىسىم مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋە پىدائىي ئەسكەرلەر ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى يولغا قويىدۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇستاپ - نىزامىنى ئىجرا قىلىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش پرىنسىپى ۋە مەقسىتى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
قوراللىق ساقچى قىسىم | UyghurWiki | UyghurWiki