خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئە كۆرۈش قىسىملىرى
جۇڭگودىكى ھەربىي قىسىملار
خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئە كۆرۈش قىسىملىرى خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئەلىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىسىم تۈرى بولۇپ، خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئوت پۈركۈش قاتارلىق شۆبە ئەترەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىسىملارنىڭ ئاتوم، خىمىيىلىك قوراللاردىن مۇداپىئە كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ يادرولۇق، خىمىيىلىك كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا قىلىش، بۇلغىنىشنى تۈگىتىش؛ ئوت پۈركۈش شۆبە ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسى پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ مۇستەھكەم ئوت كۈچى نۇقتىسى ۋە جانلىق كۈچىنى يوقىتىش.
خىمىيىۋى گازدىن ساقلىغۇچى شۆبە ئەترىتى كۆزىتىش، رازۋېدكا قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش شۆبە ئەترەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان. كۆزىتىش شۆبە ئەترىتىگە يادرو پارتلاشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ئاپپاراتى، رادىئاتسىيىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، زەھەرلىك گازنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يادرو پارتلاشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى كۆزىتىش، يادرو پارتلىغان ۋاقىت، ئورۇن، پارتلاش شەكلى، ئېكۋىۋالېنتقا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ۋە بېكىتىش، خىمىيىۋى ھۇجۇمنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقاش، قىسىملارنىڭ مۇداپىئە كۆرۈشىنى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىش. رازۋېدكا شۆبە ئەترىتىگە رادىئاتسىيىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، زەھەرلىك گازنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ساندۇقى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئە كۆرۈش رازۋېدكا ئاپتوموبىلى سەپلەنگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى خىمىيىلىك رادىئاتسىيىنى رازۋېدكا قىلىش ۋە بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.
دىزىنفېكسىيە قىلىش شۆبە ئەترىتىگە پۈركۈگۈچ ئاپتوموبىل ۋە يۇيۇنۇش ئاپتوموبىلى سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى زەھەرلەنگەن خادىم، قورال - جابدۇق، مۇھىم نىشان ۋە يوللارنى دېزىنفېكسىيىلەش.
ئوت پۈركۈش شۆبە ئەترىتىگە ئوت پۈركۈگۈچ سەپلەنگەن. ئوت پۈركۈگۈچ يېقىن ئارىلىقتىكى جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان قورال، بىر ئوت پۈركۈگۈچتە ئۇدا ئۈچ قېتىم ئوت پۈركۈگىلى بولىدۇ، پۈركۈش ئارىلىقى70 مېتىرغا يېتىدۇ. ئوت پۈركۈلگەندە، ھارارىتى ℃800~℃1100 قا يېتىدىغان يالقۇن ئىستىھكام تېمىنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ كۆيەلەيدۇ ھەمدە ئىستىھكامنىڭ سىرتىدىكى يوچۇقلىرىدىن ئىستىھكام ئىچىگە كىرەلەيدۇ، ئوت پۈركۈگۈچ بىلەن دۈشمەننىڭ مۇستەھكەم ئوت كۈچى نۇقتىسىنى يوقاتقىلى، ئىستىھكامدىكى ۋە ئاشكارىلىنىپ قالغان ئادەملەرنى تالاپەتكە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.